ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى كەسكىنلەشمەكتە

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 15-ماي كۈنى ئامېرىكانىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان دۆلەتلەردىن ئۇچۇر-ئالاقە ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋېلىشنى چەكلەيدىغان بىر پرېزىدېنت قارارنامىسىغا ئىمزا قويغان ئىدى.

بۇ قارارنامىدە مەلۇم بىر دۆلەت ياكى شىركەتنىڭ ئىسمى ئوچۇق تىلغا ئېلىنمىغان، بىراق كۆزەتكۈچىلەر بۇ قارار ئارقىلىق خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنى ئۈنۈملۈك ھالدا چەكلىگىلى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. 

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، 16-ماي كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ خۇاۋېي شېركىتىنى نىشان قىلغان بۇ قارارغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، «ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ دۆلەت بىخەتەرلىكى دېگەن باھانە بىلەن چەتئەل شېركەتلىرىگە زىيانكەشلىك قىلىۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بىراق ئۇ بۇنىڭ تەپسىلاتلىرى ئۈستىدە توختالمىغان. 

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى سىتىۋ بەننېن س ن ب س خەۋىرىگە قىلغان سۆزىدە پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئېلىشىشتا چېكىنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە «خىتاي 20 يىلدىن بۇيان بىزنىڭ دېموكراتىيىمىزنى سۇيىئىستېمال قىلىپ كەلدى،» دېگەن.

ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى كەسكىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە ئامېرىكا بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا چىقىۋاتقان باھار شامىلى دىققەت قوزغاۋاتقان نۇقتا بولۇپ قالدى. 

س ن ن نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو 14-ماي كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشكەندە پرېزىدېنت ترامپنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاش ۋە ھەمكارلىشىش ئارزۇلىرىنى بايان قىلغان. 

دەل شۇ پەيتتە يەنە رۇسىيە پرېزىدېنت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى دىمىترىي پېسكوۋ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى ئۈستىدە بەرگەن باياناتىدا، «ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى يەرشارى ئىقتىسادىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىراق بۇ ئۇرۇشنىڭ رۇسىيە ئىقتىسادىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مۇبالىغىلەشتۈرمەسلىك لازىم. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى كەسكىنلىشىشى مۇمكىن، بىراق بۇ بىزنىڭ ئۇرۇشىمىز ئەمەس،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت