بەش بۇرجەكلىك بىنا خىتاي تەرەپنىڭ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2016.05.19

رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 17-ماي ئامېرىكىنىڭ ئىككى ھەربىي ئايروپىلانى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇش مەشغۇلاتى قىلىۋاتقاندا خىتاينىڭ ئىككى كۈرەشچى ئايروپىلانى «بىخەتەر بولمىغان» شەكىلدە ئامېرىكا ئايروپىلانلىرىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، يەنى بەش بۇرجەكلىك بىنا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى چارلىغۇچى ئايروپىلانلىرىنىڭ دائىملىق ھاۋا چارلاش ۋەزىپىسى ئۈچۈن خەلقئارالىق ھاۋا بوشلۇقىدا پائالىيەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. خىتاي تەرەپ بولسا ئامېرىكىدىن خىتايغا يېقىن تەۋەلىكتىكى ھەربىي چارلاش ھەرىكىتىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇڭ لېي مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا « ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى دائىم خىتاي دېڭىز بويى رايونلىرىدا چارلاش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، خىتاينىڭ دېڭىز بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت پەيدا قىلىۋاتىدۇ» دېگەن. ئامېرىكىدىكى «ئاسىيا دېڭىز ئوچۇقچىلىقى قۇرۇلۇشى» نىڭ دىرېكتورى گرېگ پولىڭ خىتاي تەرەپنىڭ قىلمىشىنى «تولىمۇ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان خەتەرلىك ھەرىكەت» دەپ كۆرسەتكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى توقۇنۇش ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ بىر پاراخوتى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش- تارتىشتا تۇرۇۋاتقان تەۋەلىككە يېقىن جايدىن ئۆتۈپ بىر ھەپتە بولغاندا يۈز بەرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھازىر «جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى» نىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى ئۆزىگە تەۋە دەپ جاكارلىغان بولۇپ، فىلىپپىن، ۋىيېتنام، مالايشىيا ۋە تەيۋەن قاتارلىقلار بۇنىڭغا ئىزچىل نارازىلىق بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.