خىتاي، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ تەنقىدىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇردى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەشتون كارتېرنىڭ سۆزىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ پىكرى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە قالغان، بېيجىڭ ۋاشىنگتوندا يېزىلغان «ھوللىۋۇد فىلىملىرىدە رول ئېلىشقا قىززىقمايدۇ» دەپ تەنقىد قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئەشتون كارتېرنىڭ سۆزىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ پىكرى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە قالغان، بېيجىڭ ۋاشىنگتوندا يېزىلغان «ھوللىۋۇد فىلىملىرىدە رول ئېلىشقا قىززىقمايدۇ» دەپ تەنقىد قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان مەزكۇر باياناتىدا، ئەشتون كارتېرنىڭ 27‏-ماي ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيەسىدە قىلغان سۆزىگە رەددىيە بەرگەن. ئەشتون كارتېر سۆزىدە خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي كېڭەيمىچىلىكى ۋە تور ھۇجۇمى ھەققىدە توختىلىپ، ئۇ، بۇ ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئۆز-ئۆزىنى سولايدىغان بىر سەددىچىن سېپىلى» قۇرۇپ چىقىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئەركىن سودا ۋە تور ئەركىنلىكىدىن بەھرىمەن بولۇشنى ئىستىسىمۇ، ئەمما بەزىدە بۇنىڭ ھەر ئىككىسىگە چەكلىمە قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئامېرىكا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەرىكىتىگە داۋاملىق دىققەت قىلىدۇ، دېگەن.

خىتاي ئىگىلىك ھوقۇق تالاش-تارتىشتىكى جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئاساسەن ھەممىسىدە ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى داۋا قىلىپ كەلدى. ئۇ بۇ رايوندا بەزى سۈنئىي ئاراللارنى ياساپ، ئۇنىڭغا قوراللىق ئەسكەر، رادار، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان. نەتىجىدە، بۇ ۋىيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق بۇ رايوندىكى بەزى ئاراللاردا ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن دۆلەتلەرنى بىئارام قىلىپ، رايوندا جىددىيچىلىك پەيدا قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە كۈنكى سۆزىدە، «ھالبۇكى، بەزى ئادەملەر 21‏-ئەسىردە ياشاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى سوغۇق ئۇرۇش دەۋرىدە قالغان» دەپ تەكىتلىگەن.

ئەشتون كارتېر دېڭىز ئارمىيە ئاكادېمىيەسىدە قىلغان سۆزىدە، «خىتاينىڭ ھەرىكىتى تۈپ پرىنسىپقا خىلاپلىق قىلىۋاتقان ئەھۋالدا بىز باشقا يولغا قارىمايمىز» دېگەن ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org