ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لىلويىد ئائۇستېن 31-ماي كۈنى خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دوڭ جۈن بىلەن سىنگاپوردا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا تالاش-تارتىشتىكى مەسىلىلەر، بولۇپمۇ تەيۋەن بوغۇزى، خىتاي-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى ۋە جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىلىرىدىكى ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىككى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىنىڭ ئارىسىدىكى بۇ ئۇچرىشىش، ئۇلارنىڭ 2022-يىلىدىن بېرى ئېلىپ بارغان تۇنجى يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا كابېللىق خەۋەرلەر تورى CNN نىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئۇچرىشىشتا لىلويىد ئائۇستېن خىتاي ئارمىيەسىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى يېقىنقى «ئىغۋاگەرچىلىك» ھەرىكەتلىرى، شۇنداقلا خىتاينىڭ «رۇسىيە ھەربىي سانائەت بازىلىرىنى قوللاشتا ئويناۋاتقان رولى» غا قارىتا ئەندىشىلىرىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەرلەردە، لىلويىد ئائۇستېننىڭ دوڭ جۈنگە ئامېرىكا خەلقئارا قانۇنلار يول قويغان دائىرىدە ئۆزىنىڭ بۇ رايونلاردىكى ھەرىكىتىنى «بىخەتەر ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق» بىلەن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى «ئېنىق ئېيتقانلىقى» قەيت قىلىنماقتا. CNN نىڭ ئېيتىشىچە، لىلويىد ئائۇستېننىڭ سۆزى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى خەلقئارا دېڭىز ۋە ھاۋا بوشلۇقىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان تاجاۋۇزچىلىق خاھىشىدىكى چارلاش ھەرىكەتلىرىگە قارشى ئاكتىپ پوزىتسىيەدە تۇرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. خىتاي ئارمىيەسى بۇ ئاينىڭ 20-كۈنى تەيۋەن پىرېزىدېنتى لەي چىڭدېنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشىنىڭ ئارقىسىدىنلا كەڭ كۆلەمدە تەيۋەننى قورشاپ قۇرۇقلۇققا چىقىش بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، تەيۋەنگە قوراللىق تەھدىت سالغان. بۇنىڭ ئالدىدا، فىلىپپىنغا تەھدىت سېلىپ، ئۇنىڭ دېڭىز چارلاش ساقچىلىرىغا ئىغۋاگەرچىلىك قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئەگەر خىتاي فىلىپپىنغا قوراللىق ھۇجۇم قىلسا، ئامېرىكا-فىلىپپىن خەۋپسىزلىك شەرتنامىسىنىڭ ھەرىكەتكە كېلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان، شۇنداقلا فىلىپپىن بىلەن ئۆتكەن ئايدا ئۆتكۈزگەن ھەربىي مانېۋىردا فىلىپپىنغا ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى. خەۋەرلەردە، دوڭ جۈننىڭ بۇنى «رايون بىخەتەرلىكىگە تەھدىت» دەپ كۆرسەتكەنلىكى، خىتاينىڭ «سەۋر تاقىتىنىڭ چېكى بارلىقى» نى بىلدۈرگەنلىكى، ھالبۇكى، لىلويىد ئائۇستېننىڭ ئەگەر خىتاي رۇسىيەنى قوللاشنى داۋاملاشتۇرسا، «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەدبىر قوللىنىدىغانلىقى ئېنىق ئېيتقانلىقى» قەيت قىلىنماقتا.