رام ئېمانۇئېل: «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى خىتايغا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2024.06.04

«بىلۇمبېرگ» تورىنىڭ 2024-يىلى 6-ئاينىڭ 4كۈندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رام ئېمانۇئېل (Rahm Emanuel) خىتاينىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي مەسىلىلىرىنى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا سۆرەپ كېلىشىنىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرىنىڭ خىتايغا قارشى بىرلىكتە تۇرۇش ئىرادىسىنى كۈچەيتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رام ئېمانۇئېل مۇنداق دېگەن: «ئەتراپتا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ياكى ئىستراتېگىيەلىك خىرىسلىرىغا دۇچ كەلمىگەن ھېچقانداق دۆلەت يوق. خىتاي ياخشى قوشنا ئەمەس، ئۇ سودا شېرىكلىرىمىزنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈۋاتىدۇ».

پىرېزىدېنت جو بايدىن ئالدىنقى ئايدا خىتايدىن كېلىدىغان مالدىن ئالىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ ئامېرىكا ئىشچىلىرى ۋە كارخانىلىرىنى خىتاينىڭ ئەرزان باھالىق ماللىرى ۋە سودا ئالدامچىلىقىدىن قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئۇ ھەپتە ئاخىرىدا سىنگاپوردا يەر شارى مۇداپىئە رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشىدا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكياندا ھەربىي مانېۋىر ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى تەشۋىق قىلغانىدى. خىتاي بولسا «سىرتقى كۈچ» لەرنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا ئارىلاشقانلىقىنى تەنقىد قىلغان.

رام ئېمانۇئېل يەنە مۇنداق دېگەن: «ياپونىيە، كورېيە، ئاۋسترالىيە، سىنگاپور، فىلىپپىن، ھەتتا ۋىيېتنام قاتارلىق دۆلەتلەر ئامېرىكىنىڭ بۇ رايوندا مەۋجۇت بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا پىسەنت قىلمايدىغان خىتاينى ئەمەس، ئۆزلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى خالايدۇ».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.