بەش بۇرجەكلىك بىنا دىققەت نۇقتىسىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021-06-10
Share

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان يىرىكلىكنىڭ بىر ئىپادىسى بەش بۇرجەكلىك بىنا (ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى) نىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدىكى دىققەت نۇقتىسىنى خىتايغا مەركەزلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى بۇيرۇقتا ئەكس ئەتكەن. 

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ 9-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى، گېنېرال لويد ئاستىن بىر كۈن ئىلگىرى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتىكى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇلىمىسىدا خىتاينى مۇھىم نۇقتا قىلىش ھەققىدە بىر كۆرسەتمە بۇيرۇقى يوللىغان. بۇ بۇيرۇقنىڭ مەزمۇنى مەخپىيەتلىك تۈپەيلىدىن ئېلان قىلىنمىغان. ئەمما بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا «بۇ كۆرسەتمىدىكى مەزمۇنلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىن كېلىۋاتقان تەھدىتلەرگە تاقابىل تۇرۇش ھەققىدىكى تىرىشچانلىقىغا ھەمدەمدە بولۇش ئاساسىدا تەييارلاندى،» دېيىلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرى لويد ئاستىن بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ: «مەزكۇر كۆرسەتمە دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىمىز بىلەن بولغان ئالاقىسىىنى كۈچەيتىش، شۇنىڭدەك ھەربىي ۋە پۇقراۋىي جەھەتلەردىكى كۈتۈلمىگەن ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىقلاردا مۇھىم رول ئوينايدۇ» دېگەن. جوۋ بايدېن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى «كەسكىن رىقابەتكە تولغان» بىر باسقۇچقا قاراپ مېڭىۋاتىدۇ دەپ تەكىتلەۋاتقاندا، بۇنداق بىر كۆرسەتمىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى ھەرقايسى ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىماقتا. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 8-ئىيۇن كۈنى خىتاي تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق سانائەت مەبلىغىنى ماقۇللىغان بولۇپ، بۇ مەبلەغنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تېخنولوگىيە ساھەسىگە سەرپ قىلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت