ئامېرىكا: «خىتاينىڭ ھىندونېزىيە تەۋەلىكىدىكى بېلىقچىلىقى كېڭەيمىچى مەقسەتلىك»

ئۆتكەن جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن ھىندونېزىيەنىڭ خىتاي بېلىقچى كېمىسىگە ئوق چىقىرىش ۋە بېلىقچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىگە بۈگۈن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ پوزىتسىيە بىلدۈردى.

شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى ئاخباراتچىلار بىلەن تېلېفون يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ قوراللىق قوغدىغۇچىلارنىڭ ھەمراھلىقىدا ئەتراپقا بېلىقچى كېمىلىرىنى ئەۋەتىشىنىڭ كېڭەيمىچىلىك مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى ۋە خىتاينىڭ بۇ قىلمىشىنى بۇزغۇنچىلىق دەپ ئەيىبلىدى. مىنىستىرلىق خادىمى سۆزىدە «خىتاينىڭ ھەربىي ياكى ھەربىي سىياقىدىكى كۈچلەرنى بۇ خىل شەكىلدە قوللىنىشى بىر قۇتراتقۇلۇق، ئۇ مۇقىمسىزلىققا مۇمكىنچىلىق يارىتىدۇ» دېدى.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيە قوماندانى ئەخمەت تافىچوراچمەن «خىتاي )بىزنىڭ قىلغانلىرىمىزدىن( نارازى، چۈنكى ئۇلار مەزكۇر تەۋەلىكنى ئۆزىمىزنىڭ دەپ قارايدۇ» دېگەن. خىتاي بۇ قېتىمقى ۋەقەگە قارىتا ئىنكاسىدا گەرچە ئاشكارا ھالدا تېررىتورىيە تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، بېلىقچىلىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىققان ئىدى.