ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز، تىبەت، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سەھنە يارىتىپ بېرىشى خىتاينى قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016.07.22
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنى ئۇنىڭ پارتىيە قۇرۇلتىيىدا خىتايغا قارشى «ئاساسسىز تەنقىدلەر» گە سورۇن ھازىرلاپ بەرمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ قەيت قىلىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلتىيىدا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپىنىڭ ئەقىلگە سىغمايدىغانلىقى، ئۇنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» نى يولغا قويغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەيۋەنگە قورال-ياراق سېتىش ۋەدىسىدە داۋاملىق چىڭ تۇرۇش تەكىتلەنگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ مۇنبىرىدە خىتايغا قارىتىلغان «تەيۋەن، تىبەت، سودا، جەنۇبىي دېڭىز قاتارلىق مەسىلىلەردىكى تەنقىدلەر خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» دېگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى يەنە، «بىز ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ خىتايغا قارىتىلغان ئاساسسىز تەنقىدلەرنى دەرھال توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز....» دەپ تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ كلىۋېلاند شەھىرىدە ئېچىلغان قۇرۇلتايدا سۆزلىگەن نۇتقىدا بۇ سۆزلەرنى قىلمىغان.

ئەمما ئۇ، خىتاينىڭ «ئىنساپسىز ئەقلىي مۈلك ئوغرىلىقى»، «قانۇنسىز تۆكمە قىلىپ سېتىش» ھەرىكىتى ۋە «ۋەيران قىلغۇچى پۇل كۇرسى كونتروللۇقى» غا خاتىمە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.