ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى: «خىتاي ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت يۈرگۈزۈۋاتىدۇ»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021-08-05
Share

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن سەيشەنبە كۈنى سىنگاپوردىكى زىيارىتى مەزگىلىدە قىلغان بىر سۆزىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«فېرگۇس فوللس ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىن مۇنداق دېگەن:

«بېيجىڭنىڭ… قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىشقا ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقى پەقەت دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىلىرىدىلا ئىپادىلەنمەيدۇ. بىز ئۇنىڭ ھىندىستانغا قىلغان تاجاۋۇزچىلىقىنى، مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىدىغان ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى، تەيۋەن خەلقىگە قىلغان زوراۋانلىقىنى ۋە شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى كۆردۇق».

مەلۇم بولۇشىچە، مۇداپىئە مىنىستىرى ئوستىن يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ناتسىستلارنىڭ قىلغان جىنايەتلىرىگە سېلىشتۇرغانىكەن.

ئامېرىكانىڭ نۆۋەتتە ۋەزىپىدىكى مۇداپىئە مىنىستىرى لويد ئوستىننىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە قىلغان يۇقىرىدىكى سۆزى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى يەنىمۇ جانلىق نامايان قىلىپ بېرىدىكەن.

خەۋەردىن قارىغاندا، مەزكۇر يىغىندا ئوستىن يەنە، ئامېرىكانىڭ ياپونىيە ۋە فىلىپپىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى دەپسەندىچىلىككە ئۇچرىغان تەقدىردە ئامېرىكانىڭ فىلىپپىنغا ۋاكالىتەن ئۇرۇشقا قاتنىشىش ۋەدىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خەلقئارا قانۇنلار بويىچە بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى تەلەپ قىلىش ئاساسى يوق. . … بىز شەرتنامىلەرگە ئاساسەن سېنكاكۇ تاقىم ئارىلىدىكى ياپونىيە ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى فىلىپپىنغا بەرگەن ۋەدىمىزگە داۋاملىق ئەمەل قىلىمىز.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكانىڭ 70 يىللىق شەرتنامە بويىچە ياپونىيەنىڭ سېنكاكۇ ئارىلىدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇرۇشقا قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى بار ئىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت