ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ 11 نەپەر ئامېرىكا سىياسىيونى ۋە پۇقراسىغا ئېمبارگو قويغانلىقىنى تەنقىد قىلدى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇل خىتاينىڭ ماركو رۇبىيو، تېد كرۇز قاتارلىق 11 نەپەر ئامېرىكا سىياسىيونى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرىگە ئېمبارگو قويغانلىقىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بۇ خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە پىكىر ئەركىنلىكىگە چىدىمايدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ تەنقىد قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 10-ئىيۇل تېد كرۇز، ماركو رۇبىيو، تام كاتتون، جوش خوۋلي، كرىستوفېر سىمىت قاتارلىق ئامېرىكا كېڭەش ۋە ئاۋام پالاتا ئەزالىرىغا ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى كېننىس روس قاتارلىق ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرىغا ئىمبراگو قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاينىڭ قارارى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە خوڭكوڭ ۋالىسى لىن جىڭيۆ قاتارلىق شەخسلەرگە ئېمبارگو قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئامېرىكادىكى مال-مۈلكىنى توڭلاتقانلىقىغا قارىتىلغان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى، دەپ قارالدى. لېكىن كۆزەتكۈچىلەر، خىتاينىڭ ئىمبارگوسىنىڭ ھېچقانداق ئەمىلى ئەھمىيىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىمەكتە. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى 11-ئىيۇل ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بىز ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ پىكىر ئەركىنلىك ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەنلىكى سەۋەبلىك جازالانغانلىقىنى تەندىقلەيمىز. بىز بېيجىڭنىڭ ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى چېگرا سىرتىغا كېڭەيتىشىنى قەتئىي رەت قىلىمىز،» دېيىلگەن.

باياناتتا تەكىتلىشىچە، «خىتاينىڭ ھەرىكىتى بىخەتەرلىك مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، بۇ خوڭكوڭنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدا ۋەھىمە پەيدا قىلىش ۋە پىكرى ئەركىنلىكىنى بوغۇشنى مەقسەت قىلغان» ئىكەن. خىتاينىڭ 11 نەپەر ئامېرىكا سىياسىيونى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرىگە ئېمبارگو قويۇشى ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى تۇنجى ھەرىكىتى ئەمەس. بۇنىڭ ئالدىدا ئۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، خىتاينىڭ ئىرقىي زۇلۇمىنى ئەيىبلەپ كەلگەن ماركو رۇبىيو، كرىستوفېر سىمىت ۋە تېد كرۇزلار قاتارلىق ئامەرىكا سىياسىيونلىرىغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەنلىكىنى ئەلان قىلغان ئىدى.