خىتاي «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» باشلىقى بىر خاتا ئۇچۇر سەۋەبىدىن خىتاينى ئامېرىكا بىلەن جەڭ ئېلان قىلىشقا چاقىرغان

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون كورنىن تىۋىتتېردا ئامېرىكانىڭ تەيۋەندە 30 مىڭغا يېقىن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدىكى خاتا ئۇچۇرنى ئېلان قىلىۋەتكەندىن كېيىن، خىتاي «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» باشلىقى خۇ شىجىن تىۋىتتېردا خىتاينى ئامېرىكاغا قارشى جەڭ ئېلان قىلىشقا چاقىرىق قىلغان.

بۇ ھەپتە 17-ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلىنغان ۋە ئاللىقاچان ئۆچۈرىۋېتىلگەن بۇ ئۇچۇردا جون كورنىن «نۆۋەتتە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ كورىيەدە 28000 ئەسكىرى، گېرمانىيەدە 35 مىڭ 486 ئەسكىرى، ياپونىيەدە 50 مىڭ ئەسكىرى، تەيۋەندە 30 مىڭ ئەسكىرى، ئافرىقادا 7000 ئەسكىرى، ئافغانىستاندا (2 ئاي ئىلگىرى) 2500 ئەسكىرى بار،» دەپ يازغان.

بۇنى كۆرگەن خۇ شىجىن تىۋىتتېردا مۇنداق دەپ يازغان: «ھازىر ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈشى كېرەك. ئەگەر بۇ راست بولسا، ئامېرىكانىڭ تەيۋەندىكى ئەسكىرى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتمىگەن ئەھۋالدا، خىتاي ئارمىيەسى دەرھال ئۇرۇش قوزغاپ، ئامېرىكا ئارمىيەسىنى قوغلاپ چىقىرىشى كېرەك».

«تەيۋەن خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جون كورنىننىڭ بۇ ئۇچۇرى خاتا بولۇپ، 1979-يىلدىن بۇيان ئامېرىكا تەيۋەندە ئەسكەر تۇرغۇزۇپ باقمىغان. بۇ يەردە دېيىلگەن 30 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى ئالدىنقى ئەسىردىكى ۋېيتنام ئۇرۇشى مەزگىلىدە تەيۋەندە تۇرغان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ئىكەن. جون كورنىن بۇ ئۇچۇرنى تارىخىي ماتېرىياللاردىن ئالغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

بۇ خاتا ئۇچۇر ئۆچۈرىۋېتىلگەندىن كېيىن، خۇ شىجېن يەنە مۇنداق دەپ يازغان: «مەنچە، بۇ سېناتور خاتالىشىپ قالمىدى، ئۇ بىزنىڭ تومۇرىمىزنى تۇتۇپ باقماقچى، مېنىڭ ئۇنىڭغا بېرىدىغان جاۋابىم شۇ: جەڭ قىلىش».

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، خۇ شىجىننىڭ بۇ ئىنكاسلىرى خىتاينىڭ تەيۋەن مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە كەلگۈسى پىلانىنى مەلۇم دەرىجىدە ئاشكارىلاپ بېرىدىكەن.