ئامېرىكانىڭ 2022-يىللىق مۇداپىيە خامچوت قانۇنى خىتاينىڭ تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى نىشانغا ئالغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.09.01

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ 2022-يىللىق مۇداپىيە خامچوت قانۇنى خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قاراتقان تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى نىشانغا ئالغان. «ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ مەزكۇر مۇداپىيە خامچوت ھوقۇقى قانۇنىدا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىيە مىنىستىرلىقى، تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى، ئامېرىكا ئىستىخبارات ئ‍ورگانلىرىدىن خىتاينىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ھەربىي ئىتتىپاقداشلىرىنى ھەم شېرىكلىرىنى نىشان قىلغان تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلىش تەلەپ قىلىنغان ئىكەن.

خەۋەردە قانۇن لايىھەسىنىڭ 30-ئاۋغۇست ئېلان قىلىنغانلىقى، دۆلەت مۇداپىيە ۋە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقلىرىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ تەسىر كۆرسىتىش نىشانلىرىغا قارىتا باھالاش ئېلىپ بېرىپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە قارشى تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ۋاشىنگتون ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋام پالاتاسىنىڭ 744 مىليارد دوللارلىق 2022-يىللىق مۇداپىيە خامچوت قانۇنى يۇقىرىقى تەلەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكەن.

خىتاي، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىغا قارىتا كەڭ كۆلەملىق تەسىر كۆرسىتىش ھەركىتى ئېلىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتى ۋە سىياسىتىنى بازارغا سېلىپ كەلگەن. كورونا ۋىرۇسىنىڭ ۋۇخەندىن باشلانغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، شۇنداقلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىغا دائىر يېتەرلىك دەلىللەر بولسىمۇ، بىراق خىتاي يالغان ئۇچۇر تارقىتىپ، كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمىدا ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىنى غەربنىڭ ئويدۇرۇپ چىقارغان «يالغان تەشۋىقاتى» دەپ ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.