خىتاي ئايرودروم ماجىراسى تۈپەيلىدىن ئامېرىكىنى ئەيىبلىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2016.09.05

بۈگۈن خىتاي تاشقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ئالدىنقى كۈنى خىتاي ۋە ئامېرىكا ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئايرودروم رەسمىيەت ماجىراسى ئۈستىدە پىكىر بايان قىلىپ، ئامېرىكا ۋە مۇخبىرلارنى ئەيىبلىگەن.

ئۇ سۆزىدە «ئەگەر ئامېرىكا خىزمەت گۇرۇپپىسى جۇڭگو تەرەپ بىلەن دەسلەپكى دېيىشكەن رەسمىيەت بويىچە ئىش تۇتقان بولسا، ئوتتۇرىدا ماجىرا تۇغۇلمايتتى» دېگەن. ئۇ يەنە «بارلىق دۆلەتلەر جۇڭگو خىزمەت گۇرۇپپىسى تەييارلىغان ئايروپىلان شوتىسىنى ئىشلەتتى، پەقەت ئامېرىكىلا ئىشلەتمىدى» دەپ قاقشىغان.

رويتىرىس قاتارلىق خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ خەۋەر قىلىنىشىچە، 20 دۆلەت گۇرۇھى يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا كەلگەن پرېزىدېنت ئوباما ئايروپىلاندىن چۈشىدىغان چاغدا كۈتۈلگەن شوتا قويۇلمىغان ۋە ئۇ ئايروپىلاننىڭ يەنە بىر چىقىش ئىشىكىگە بېرىش ئۈچۈن ئارقىسىغا يېنىشقا مەجبۇر بولغان. بۇنىڭ ئۈستىگە، ئوباما ئايروپىلاندىن چۈشكەندە ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى سۇسان رايس ئۇنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئالدىغا ماڭغاندا، خىتاي ئايرودروم بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن قوپاللىق بىلەن توسۇۋېلىنغان.

بۇنىڭغا ئامېرىكىنىڭ بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلىرى ئارىلاشقان ۋە «بۇ، ئامېرىكىنىڭ ئايروپىلانى، ئامېرىكا پرېزىدېنتى» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن، خىتاي تەرەپ بولسا «بۇ جۇڭگونىڭ تۇپرىقى، جۇڭگونىڭ ئايرودرومى» دەپ جاۋاب قايتۇرغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئارىدىكى بۇ ئايرودروم تالاش-تارتىشى دۆلەت ئەمەلدارلىرى ئارىسىدىمۇ داۋاملاشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.