ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى «چەتئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى» دەپ بېكىتىشكە كېلىشكەنلىكىنى رەت قىلغان.
«ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى 7-ئاۋغۇست مەزكۇر رادىيونىڭ مۇخبىرىغا چۈشەنچە بېرىپ، نۆۋەتتە ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى چەتئەل تېررورلۇق تەشكىلاتى دەپ بېكىتىش ھەققىدە ھېچقانداق كېلىشىمى يوق، دېگەن.
خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى يېقىندا پرېزىدېنت ئوباما بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خاڭجۇدا كۆرۈشكەندە، ئامېرىكا تەرەپنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنى تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكىگە ئالغانلىقىنى، خىتاي تەرەپنىڭ شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئامېرىكىغا رەھمەت ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ 13224 -نومۇرلۇق بۇيرۇقى تىلغا ئېلىنغان. ھالبۇكى، 13224 -نومۇرلۇق بۇيرۇق 2001-يىلى «11 -سېنتەبىر ۋەقەسى» دىن كېيىن پرېزىدېنت بوز تەرىپىدىن چىقىرىلغان ئىدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئامېرىكىنىڭ چەتئەل تېررورچىلىرى ۋە تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىنى ئىككى خىل بېكىتىش ئۇسۇلى بولۇپ، بىر خىلى پرېزىدېنتنىڭ 13244 -نومۇرلۇق مەمۇرىي بۇيرۇقى بىلەن «ئالاھىدە بېكىتىلگەن يەر شارى تېررورچىلار تىزىملىكى»، يەنە بىر خىلى، دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ «چەتئەل تېررورلۇق تەشكىلاتلار تىزىملىكى» ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ش ت ئى ھ 2002-يىلى پرېزىدېنت بۇشنىڭ «ئالاھىدە بېكىتىلگەن يەر شارى تېررورچىلار تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇ ھازىرغا قەدەر تىزىملىكتىكەن.
