ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونى ئالىي قوماندانى سامۇئەل پاپارو (Samuel Paparo) 9-سېنتەبىر كۈنى خىتاي جەنۇبى رايون قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقى ۋۇ يەنئەن بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى قايتا تەڭشەش ۋە توقۇنۇشتىن ساقلىنىش ھەققىدە پىكىرلەشكەن.
«دۆلەتلىك رادىيو شىركىتى» (NBC) نىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ھەربىي ئەمەلدارىنىڭ كۆپ يىللاردىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى بولۇپ، ئىككى تەرەپ ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەردە پىكىر ئالماشتۇرغان. سامۇئەل پاپارو خىتاي تەرەپكە قىلغان سۆزىدە، يېقىندىن بۇيان خىتاي ئارمىيەسى بىلەن ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئارىسىدا كۆپ قېتىم سۈركىلىش بولغانلىقىنى، بۇنىڭدا خىتاي ئارمىيەسىنىڭ مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى، خىتاينىڭ چوقۇم خەلقئارا قانۇن-نىزاملارغا ئەمەل قىلىپ، رايون خەۋپسىزلىكىنى بۇزىدىغان ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە خىتاي ئارمىيەسىنى جەنۇبى دېڭىز ۋە باشقا جايلاردا ئۇرۇش تاكتىكىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش باھانىسىدە خەتەرلىك ۋە جىددىي ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىققا چاقىرغان.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، سەمۇئەل پاپارودىن ئىلگىرى ۋەزىپە ئۆتىگەن ئالىي قوماندان جون ئاكۇلىنو (Jon Aquilino) خىتاينىڭ جەنۇبى دېڭىز رايونى ۋە شەرقىي دېڭىز رايونى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باشلىقلىرى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ، خىتاي قوشۇلماي كەلگەن. چۈنكى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پالاتاسىنىڭ سابىق باشلىقى نەنسى پېلوسى تەيۋەننى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسى باش سېكرېتارى شى جىنپىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ئالاقە قىلىشنى ئۈزۈۋەتكەن ئىكەن.
9-ئاي كىرگەندىن بۇيان خىتاينىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى تۈپەيلىدىن خىتاي بىلەن فىلىپپىننىڭ دېڭىز تەۋەلىكى تالىشىش كۈرىشى كۈچەيگەن. فىلىپپىننىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان ئامېرىكا خىتاينى پەيلىدىن يېنىشقا بېسىم قىلغان. ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىكى مەسلىھەتچىسى جېك ساللىۋان 8-ئايدا خىتايغا بارغاندىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي قوماندانلىرى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش پىلانى ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.