ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارى سابىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرىگەن

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021.09.15

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئاياغلىشىشقا ئاز قالغاندا، ئامېرىكا شتاب باشلىقلىرى بىرلەشمە يىغىنى رەئىسى مارك مىللې سابىق پرېزىدېنت ترامپنىڭ خىتايغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيە گېنرالى لى زوچېڭغا تېلېفون بېرىپ، ئامېرىكانىڭ خىتايغا ھۇجۇم قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان. بىرىنچى قېتىملىق تېلېفوننى 2020-يىل 10-ئاينىڭ 30-كۈنى، ئىككىنچى قېتىملىق تېلېفوننى 2021-يىل 1-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇرغان.

سابىق پرېزىدېنت دونالد ترامپ: «ئەگەر بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقى ئىسپاتلانسا، مارك مىللې ۋەتەنگە ئاسىيلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىشى كېرەك» دېگەن.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» مۇخبىرى بوب ۋودۋارد بىلەن روبېرت كوستا بىرلىشىپ يازغان «خەتەر» ناملىق كىتابتا بۇ ئىش ئاشكارىلانغان بولۇپ، مارك مىللې خىتاي گېنرالى لى زوچېڭغا، ئەگەر ئامېرىكا خىتايغا ھۇجۇم قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. كىتابتا يېزىلىشىچە، مارك مىللې بىرىنچى قېتىم خىتاي گېنېرال لى زوچېڭغا تېلېفون قىلغاندا: «لى گېنېرال، سىزگە كاپالەت بېرىمەنكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ناھايىتى مۇقىم، ھەممە ئىش ياخشى بولۇپ كېتىدۇ. بىز سىلەرگە ھۇجۇم قىلمايمىز ۋە ھەر قانداق ھەرىكەت قوللانمايمىز» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.