ئامېرىكا مۇتەخەسسىسلىرى خىتاينىڭ قارشى پىكىرلەرنى باستۇرۇشتا ئامېرىكا قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» 19-سېنتەبىر كۈنى چاقىرغان گۇۋاھلىق يىغىنىدا، مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاينىڭ ئامېرىكا قانۇنلىرىدىن پايدىلىنىپ قارشى پىكىرلەرنى باستۇرۇشتەك «قانۇن ئۇرۇشى» غا قارشى كۈچلۈك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا چاقىرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ئۆزىنىڭ كونتروللۇقىدىكى شىركەتلەر ئارقىلىق بىئو-تېخنىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئوغرىلاش، BGI غا ئوخشاش گېن تەتقىقات شىركەتلىرىنىڭ DNA سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا ياردەملىشىش، ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش قاتارلىقلار بىلەن مەشغۇل بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاي شىركەتلىرىنىڭ نامۇۋاپىق سودا پائالىيەتلىرىنى پاش قىلغان ئامېرىكا تەتقىقاتچىلىرى ۋە كارخانىلىرى ئۈستىدىن يالغان ئەيىبلەشلەردە بولۇپ، بۇ شەخسلەر ۋە ئورۇنلارغا قانۇنى ۋە مالىيە جەھەتتە بېسىم پەيدا قىلغان.

يىغىندا ئامېرىكا «دۆلەت بىخەتەرلىك ئىنستىتۇتى» نىڭ قۇرغۇچىسى جەمىل جافەر (Jamil Jaffer) نىڭ قەيت قىلىشىچە، ئامېرىكادىكى شەخسلەر ۋە تەشكىلاتلار 2016-يىلدىن بېرى ئۇچراپ كېلىۋاتقان قانۇنىي دەۋا-دەستۇرلار ماھىيەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «قانۇن ئۇرۇشى» قوزغاشتەك ئۇزۇن مۇددەتلىك بىر ئىستراتېگىيە قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە ئىكەن.

يىغىندا جورجىتوۋن ئۇنىۋېرسىتېتى «بىخەتەرلىك ۋە يېڭى تېخنولوگىيە مەركىزى» نىڭ تەتقىقاتچىسى ئاننا پۇگلىسى خىتاينىڭ بىئو-تېخنىكا تەتقىقاتى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىشى سەۋەبىدىن قانۇنى تەھدىتكە ئۇچرىغانلىقى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇ خىتاينىڭ BGI يەنى بېيجىڭ گېن ئىنستىتۇتى ۋە ئۇنىڭ تارمىقى بولغان MGI شىركىتىنىڭ ئۆزىنى قانۇنى جاۋابكارلىققا تارتىش ھەققىدىكى تەھدىت خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان ئىكەن. ھالبۇكى، BGI شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە گېن بانكىسى ۋە گېن ئەدلىيە سانلىق ئامبىرى مەركىزى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئىدى.