روبېرت سپالدىڭ: «ئامېرىكانىڭ كاتتىلىرى ئۇخلاپ ياتقاندا خىتاي بىزدىن پايدىلىنىپ كەتكەن!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ ئامېرىكاغا شىلتىڭ ئېتىشى ھەققىدە كۆپلىگەن پىكىرلەر ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقاندا ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىرىگادا گېنېرالى روبېرت سپالدىڭ 1-ئۆكتەبىر كۈنى ماقالە ئېلان قىلىپ، بۇنىڭدىكى بەزى سەۋەبلەر ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

ئۇ خىتاينىڭ ئامېرىكاغا رەقىب بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ئالدى بىلەن ئامېرىكا سىياسىي سەھنىسىدىكى كاتتىلارنىڭ «خىتاينىڭ ئىشىكىنى ئاچساق خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتىن راۋاج تېپىپ، دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىككە يۈزلىنىدۇ» دېگەن تۈپلۈك قارىشىنىڭ بەكمۇ ئەجەللىك ۋە خاتا چۈشەنچە بولغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىشىكى ۋە بازىرى ئېچىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يانچۇقىغا پۇل چۈشكەندىن كېيىن مۇشۇ دەسمايىدىن پايدىلىنىپ، غەرب دۇنياسىنىڭ سىياسىي قاتلىمىدىكى سەرخىللەرنى چىرىتىشكە ۋە دېموكراتىك قىممەت قاراشلىرىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن. بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي مۇئامىلىدە بولۇپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر «ئېغىز يېسە يۈز ئۇيۇلۇپتۇ» دېگەندەك ب د ت ۋە باشقا خەلقئارالىق سورۇنلاردا خىتاينىڭ دېپىغا ئۇسسۇل ئويناشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي يەنە بىر ياقتىن ئامېرىكانىڭ كۈچلەر ئورۇنلاشتۇرمىسىدىكى ئاجىزلىقلاردىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكانى «سوقماقچى بولۇپ كەلمەكتە» ئىكەن. بولۇپمۇ ئامېرىكانىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئوتتۇرا شەرقنى مۇھىم دىققەت مەركىزى قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا بولغان كونتروللۇقى ئاجىزلاپ قالغان. بۇ خىل ۋەزىيەتتىن تولۇق پايدىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن تىنچ ئوكيان رايونىدا سۈنئىي ئاراللارنى بەرپا قىلىپ، ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىغا ھۆكۈمران بولۇشنىڭ قازىنىنى ئاسقان.

ئاپتورنىڭ پىكرىچە، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتە قوللانغان يەنە بىر ئۇسۇلى، ئىقتىسادىي يۈكسىلىشكە تايانغان ھالدا 5G تېخنولوگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ئارقىلىق كەلگۈسىدىكى پەن-تېخنىكا ساھەسىنى كونترول قىلىشنى مۇھىم نىشان قىلغان بولۇپ، ھازىرقى يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق نازارەت مېخانىزمى دەل مۇشۇ تېخنولوگىيە ئاساسىدا ۋۇجۇدقا چىققان. خىتاي ناۋادا گ5 تېخنولوگىيەسىنىڭ، تەقلىدىي ئەقىل ۋە سىفىرلىق ھۇل مۇئەسسەلەرنىڭ مۇتلەق كونتروللۇقىغا ئىگە بولۇۋالسا ئۇ ھالدا كەلگۈسىدىكى ئېلېكترونلۇق سودا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلار خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا چۈشۈپ قالىدۇ. «فېيسبۇك»، «گوگۇل»، «ئامازون» دېگەنلەرنىڭ ئورنىنى «بەيدۇ»، «ئالى بابا»، «تېڭشۈن» دېگەنلەر ئىگىلىۋالىدۇ.

ئاپتور مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ «خېيىم-خەتەر كۆز ئالدىمىزدىلا تۇرۇپتۇ. ئامېرىكا ۋە غەرب دۇنياسى ئەمدى بۇنىڭ ئالدىنى ئالمىسا بەكمۇ كېچىكىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت