ستاتىستىكا نەتىجىسىدىن خىتايدىكى كۆپچىلىكنىڭ ئامېرىكىنى ئەڭ زور تەھدىت قارايدىغانلىقى مەلۇم بولغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2016-10-06
Share

ئامېرىكىدىكى مۇستەقىل تەتقىقات ئورگىنى بولغان «پېۋ تەتقىقات مەركىزى» چارشەنبە كۈنى خىتاي ھەققىدە ئېلان قىلغان بىر ستاتىستىكىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى كۆپ قىسىم كىشى ئامېرىكىنى «ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتى» دىنمۇ زور خەۋپ دەپ قارايدىكەن.

يۇقىرىدىكى بۇ نەتىجە، پېۋ تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇ يىل ئەتىياز پەسلىدە خىتايدىكى ھەرقايسى ئۆلكە، شەھەرلەردە 3000 دىن ئوشۇق كىشىنىڭ رايىنى سىناش نەتىجىسىدە تەييارلانغان دوكلاتتا تىلغا ئېلىنغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، راي سىناشقا قاتناشقانلارنىڭ 71 پىرسەنتى «خىتاي چەتئەللەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ھەزەر ئەيلىشى كېرەك» دەپ ئويلايدىكەن ۋە ئۇلارنىڭ يېرىمى دېگۈدەك ئامېرىكىنى خىتاي ئۈچۈن يەر شارى كىلىماتىدىكى ئۆزگىرىش، ئىقتىسادىي داۋالغۇشلار، خاككىرلىق ھۇجۇملىرى ۋە ئىسلام دۆلىتى تەشكىلاتلىرىدىنمۇ زور خەۋپ قارايدىكەن.

مەزكۇر تەتقىقات ئورگىنىنىڭ تەتقىقاتچىسى برۇس چوۋك «لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى»گە قىلغان سۆزىدە «مەن خىتاي جەمئىيىتىدىكى بۇ قاراشقا نېمە دەپ ئىزاھات بېرىشنى بىلەلمىدىم، بىراق مەنچە بۇ دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلە» دېگەن.

لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى خەۋىرىدە، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان ئۇنىڭ چىرىك ئەمەلدارلارغا زەربە بېرىپ، ئۆكتىچىلەرنى جىمىقتۇرغانلىقىنى ۋە ھەم شۇنداقلا شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئىگىلىك ھوقۇق دەۋالىرىدىمۇ ئۆزىنىڭكىنى راست دەيدىغان كەسكىن پوزىتسىيىدە بولغانلىقىنى، ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ «چەتئەل دۈشمەن كۈچلىرى» دېگەن ئىبارىنى كۆپلەپ قوللىنىپ، ئۆكتىچى ھەرىكەتلەر بولسۇن، خوڭكوڭدىكى نامايىش ۋە ياكى ئىقتىسادتىكى دۋالغۇش بولسۇن، كومپارتىيىنىڭ بارلىق ئەيىبلىرىنى ئاتالمىش «چەتئەل دۈشمەن كۈچلىرى» گە ئارتىپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، راي سىناشقا قاتناشتۇرۇلغان ئۆلكىلەر ئۇيغۇر ئېلى، تىبەت، ماكاۋ ۋە خوڭكوڭنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت