ئامېرىكا ۋە خىتاي ئاۋىياماتكىلىرىنىڭ تىنچ ئوكياندىكى پائالىيىتى دىققەت قوزغىدى

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.08.16

«ھەپتىلىك خەۋەرلەر» گېزىتىنىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا تىنچ ئوكيان فلوتىدىكى «ئابراخام لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكا بۇيرۇق بويىچە تىنچ ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئوتتۇرا شەرققە يول ئالغان. بۇ «روزۋېلت» ناملىق ئاۋىياماتكىدىن كېيىنكى ئىككىنچى ئاۋىياماتكىنىڭ ئوتتۇرا شەرققە مېڭىشى ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئاۋىياماتكا ئادەتتە ئالدىراپ يولغا چىقىرىلمايدىغان بولۇپ، كۆپىنچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى تاشقى سىياسىتىدە مەلۇم ئۆزگىرىش بولغاندا مۇناسىپ رەۋىشتە يۆتكىلىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ 11 ئاۋىياماتكىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئالتىسى تىنچ ئوكيانغا ئورۇنلاشقان. «لىنكولىن» ناملىق ئاۋىياماتكا تىنچ ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ بۇ رايوندىن ئايرىلغان كۈننىڭ ئەتىسى خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ «شەندۇڭ» ناملىق ئىككىنچى ئاۋىياماتكىسى باشقا ئۈچ ئۇرۇش پاراخوتى بىلەن فىلىپپىن دېڭىزىدا ئۇچۇش مەشقى قىلغان ھەمدە 13-ئاۋغۇست كەچقۇرۇن جەنۇبى دېڭىزغا قايتقان. ئەمما خىتاينىڭ «فۇجيەن» ناملىق ئۈچىنچى ئاۋىياماتكىسى شاڭخەي پورتىدىن چىقمىغان بولۇپ، تېخى ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى تولۇق ھازىرلاپ بولمىغان، دەپ قارالماقتا ئىكەن.

نۆۋەتتە ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى خىتاي ئاۋىياماتكىسىنىڭ فىلىپپىن دېڭىزىدىكى ئۇچۇش مەشقىنى ئاددىيغىنە مانېۋىر، دەپ قارىمىغان. سىياسىي ئانالىزچى ريان چان (Ryan Chan) بۇ ھەقتە توختىلىپ، «خىتاي دېڭىز ئارمىيەسى بۇ ئارقىلىق تىنچ ئوكياندىكى ئامېرىكا تەسىرىگە خىرىس قىلماقچى» دېگەن. ئەمما دېڭىز ئارمىيەسى جەھەتتىكى مەلۇماتلار، خىتاي دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدىن كۆپ جەھەتتە ئارقىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.