ئامېرىكا خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى سەۋەبىدىن يىلىغا 600 مىليارد دوللار زىيان تارتماقتىكەن

ئامېرىكادىكى «دۆلەت مەنپەئەتى» ناملىق ژۇرنالنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىگە قاراتقان تور جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، ئامېرىكا يىلىغا 200 مىليارد دوللاردىن 600 مىليارد دوللارغىچە ئىقتىسادىي زىيان تارتماقتىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ھازىرغىچە خىتاي خاككېرلىرى مىليونلىغان ئامېرىكالىق ئىشچى-خىزمەتچىنىڭ بىخەتەرلىك ئارقا كۆرۈنۈشى، بارماق ئىزى، ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى ۋە مالىيە خاتىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتايىن سەزگۈر ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاپ كەتكەن. ئۇلار يەنە ئۈزلۈكسىز داۋام قىلدۇرغان تور جاسۇسلۇقى ئارقىلىق ماررىئوت مېھمانساراي زەنجىرلىرىگە ئائىت 500 مىليوندىن ئارتۇق ساياھەتچى ۋە شەخسنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى، ئېكۋىفاكىس شىركىتىنىڭ 145 مىليوندەك مالىيە ۋە شەخسىي ئۇچۇر خاتىرىسىنى، شۇنىڭدەك ئانتېم (Anthem) شىركىتىگە ئائىت 78 مىليوندەك مالىيە، ساقلىق ساقلاش ۋە شەخسىي ئۇچۇر خاتىرىسىنى ئوغرىلاپ كەتكەن. خىتاي ھەتتا ئامېرىكالىقلارنىڭ DNA سانلىق مەلۇماتلىرىنى نىشانلىغان.

ئۇنىڭدا كۆرسىتىلىشىچە، يۇقىرىقىلار خىتاينىڭ توختاۋسىز قىلىۋاتقان تور ھۇجۇملىرىنىڭ پەقەت بىر قىسمى بولۇپ، ئۇلار بۇنىڭغا نۇرغۇن ئادەم كۈچى ئاجراتقان. خىتاينىڭ ئىستىخبارات دائىرىلىرىگە تەۋە خاككېرلىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، پەقەت خىتاي ئارمىيەسى ئىچىدىكى خاككېرلارنىڭ ئۆزىلا 40 مىڭ نەپەردىن ئاشىدىكەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكا فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە قارشى تەكشۈرۈشنى شىددەت بىلەن ئاشۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ تور جاسۇسلۇقىغا دائىر مەۋجۇت ئاكتىپ دېلو 2000 دىن ئاشىدىكەن. بۇلارنىڭ كۆپى ئىقتىسادىي جاسۇسلۇققا چېتىلىدىغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ ئىقتىسادىي جاسۇسلۇقى 1300 پىرسەنت ئاشقان.

خەۋەردە يەنە تور جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي ئارمىيەسىگە بىۋاسىتە چېتىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان.