«ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» قەشقەردە مەشىق بازىسى قۇرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلغان

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭنى بازا قىلغان «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» ئۆزىنىڭ خىتايچە رەسمىي تور بېتىدە 22-يانۋار كۈنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بىلەن قەشقەردە بىر ھەربىي مەشىق بازىسى قۇرۇش ئۈستىدە كېلىشكەنلىكىنى جاكارلاپ بىر بايانات ئېلان قىلغان.

پەيشەنبە كۈنى رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ باياناتنى خەۋەر قىلغان. بىراق، خەۋەردىن كېيىن مەزكۇر شىركەت باياناتنى توردىن ئېلىۋەتكەن. شىركەت باياناتچىسى رويتېرسقا قىلغان سۆزىدە، «بۇ باياناتنى بېيجىڭدىكى شىركەت خىزمەتچىسىنىڭ خاتالىشىپ ئېلان قىلىپ قويغانلىقىنى، شىركەت باشلىقى ئېرىك پرىنسنىڭ خىتاينىڭ غەربىدە بۇنداق بىر بازا ئېچىش مەسىلىسىدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى» ئىلگىرى سۈرگەن.

«ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» ئىراق ئۇرۇشى دەۋرىدە نامى چىققان «قارا سۇ» شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ئېرىك پرىنس تەرىپىدىن تەشكىل قىلىنغان بولۇپ، ئېرىك پرىنسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن توختاملىشىپ، خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىدا مەشىق بازىسى ئاچماقچى بولغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر 2017-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن باشلاپ، ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئورۇن ئالغان ئىدى. ئۇيغۇر ئېلىدە «ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» ۋە «تېررورلۇققا زەربە بېرىش» ھەققىدىكى شوئارلار توختىماستىن توۋلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر شىركەتنىڭ مەشىقلەندۈرۈش بازىسىنى قۇرماقچى بولغانلىقى كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان ئىدى.

گەرچە شىركەت باياناتچىسى يۇقىرىقىدەك ئەھۋالنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما شىركەتنىڭ خىتايچە تور بېتىدىن ئۆچۈرۈۋېتىلگەن باياناتتا «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ قەشقەر دائىرىلىرى بىلەن قەشقەرنىڭ تۇمشۇق شەھىرىدىكى ساۋخۇ پەن-تېخنىكا بازىسى قارمىقىدا بىر مەشىق بازىسى قۇرۇش كېلىشىمىنى ئىمزالىغانلىقى، 11-يانۋار كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىمزالاش مۇراسىمىغا تۇمشۇق شەھەرلىك ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» ھەسسىدارلىرىدىن بولغان «گوئەن قۇرۇلۇش شىركىتى» خادىملىرىنىڭ قاتناشقانلىقىدەك تەپسىلاتلار بايان قىلىنغان.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى گېزىتى» ئۆتكەن 8-ئايدا خوڭكوڭنى بازا قىلغان «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ قەشقەردە مەشىق بازىسى قۇرۇپ، خىتايغا بىخەتەرلىك خادىملىرىنى تەربىيەلەپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە بىر خەۋەر تارقاتقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قەشقەرنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم بىر جايدا قۇرۇلغان بۇ مەشىق بازىسى بېيجىڭدىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە مەكتىپىگە قاراشلىق ئىكەن.

خەۋەردە، ئۇنىڭ خىتايدىكى تۇنجى خۇسۇسىي بىخەتەرلىك شىركىتى ئىكەنلىكى، بېيجىڭدىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە مەكتىپىنىڭ قەشقەردىن باشقا يەنە يۈننەن قاتارلىق جايلاردىمۇ مەشىق بازىسى بارلىقىنى، ھازىر بۇ مەكتەپنىڭ 25% پاي چېكىنى «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» نىڭ كونترول قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتى ئەينى چاغدىكى خەۋىرىدە، ئېرىك پرىنسنىڭ ھەرىكىتىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىكى ئالاقىدار ئەمەلدارلارنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى، گەرچە بۇ، ئېرىك پرىنسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى كۆرسەتسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇمانلارنى رەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.