خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىدىن 15 يىل ئارقىدا ئىكەن


ئامېرىكا ھەربىي گېنېرالنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ ھاۋا ئارمىيەسى كۈچ ۋە تېخنىكا جەھەتتىن ئامېرىكىنىڭ ھاۋا ئارمىيەسىدىن 15 يىل ئارقىدا بولۇپ، يەنە 15 يىلدىن كېيىنمۇ ئامېرىكا تېخنىكا ئۈستۈنلۈكىنى ساقلاپ قالىدىكەن.

بۇ قاراشلارنى 2 - مارت ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكەن ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى باش شتابىنىڭ شتاب باشلىقى گېنېرال مارك ۋېلش ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، دۆلەت مەجلىسى خامچوت كومىتېتىدا قىلغا سۆزىدە نۆۋەتتە خىتاي ھاۋا ئارمىيەسى ئادەم سانى جەھەتتە ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىدىن ئالدىدا بولسىمۇ، ئايروپىلان سانى جەھەتتە يەنىلا ئارقىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ خىتايغا قارىغاندا بىر نەچچە مىڭدىن ئارتۇق ئايروپىلانغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن گېنېرال ۋېلش مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئايروپىلان ياساش سۈرىتى ۋە مودېللىرىغا قارىغاندا، ئۇلار 2030 - يىلىغا كەلگەندە بىز بىلەن بولغان 2000 ئايروپىلان كەم بولۇش بوشلۇقىنى تولدۇرالايدۇ.»

خىتاينىڭ پەقەت سان جەھەتتىنلا ئەمەس بەلكى، ئۆزى ياسىغان J - 11، J - 20، J - 31 تىپلىق ئايروپىلانلىرى ۋە رۇسىيەدىن ئىمپورت قىلغان SU - 35 تىپلىق ئايروپىلانلىرى ئارقىلىق تېخنىكا جەھەتتىنمۇ بەزى ئۈستۈنلۈكلەرنى قازىنىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن گېنېرال ۋېلش مۇنداق دېدى: «مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، نۆۋەتتىكى ئۈچ چوڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش پروگراممىمىز بويىچە، بىزنىڭ ئۇرۇش مەيدانىدىكى تېخنىكىلىرىمىز يەنىلا ئەڭ ئېسىل ھالەتنى ساقلاپ قالىدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا يۇقىرىقى ئۈچ چوڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش پروگراممىسى بويىچە، بويىن ياساۋاتقان KC - 46 تىپلىق ماي قاچىلاش ئايروپىلانى، لوكھېد مارتېن ياسىغان F - 35 ك تىپلىق 5 - ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلانى ۋە نورتروپ گرۇممان ياساۋاتقان B - 21 ئەڭ يېڭى تىپلىق ئۇزاق مۇساپىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىغان.

ۋېلش ئاخىرىدا مۇنداق دېدى: «خىتايلار بىز بىلەن كۈچ جەھەتتە تەڭلىشىش چېرتيوژىنى سىزىپ بولدى. بۇ، بىز كەلگۈسىدە دىققەت قىلمىساق بولمايدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.»