پرېزىدېنت ترامپ ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللار كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ شەنبە كۈنى سوغۇق ئۇرۇشى دەۋرىدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىمزالانغان ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى چەكلەش كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رۇسىيە 1987‏-يىلى ئىمزالانغان مەزكۇر كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ شۇ سەۋەبلىك بۇ كېلىشىمنى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان.

پرېزىدېنت ترامپ 20‏-ئۆكتەبىر قىلغان سۆزىدە، «بىز بۇ كېلىشىمنى توختىتىمىز ۋە ئۇنىڭدىن چېكىنىپ چىقىمىز» دېگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئىمزالىغان بۇ كېلىشىمدىكى بىر تەرەپ بولمىسىمۇ، لېكىن خىتاي ۋە رۇسىيە يېڭى بىر كېلىشىمگە ماقۇل بولمىغۇچە «بىز ئۆزىمىزنىڭ قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا خېلى يىللاردىن بېرى رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللار كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقى شۇنداقلا خىتاينىڭ ئىستراتېگىيەلىك يادرو قوراللار زاپىسىنى جىددىي كېڭەيتىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن ئىدى. پرېزىدېنت ترامپ مەزكۇر باياناتنى ئۇنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جون بولتون موسكۋاغا قاراپ ماڭغان بىر مەزگىلدە قىلدى.

ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جون بولتون موسكۋا سەپىرىدە رۇسىيە تەرەپ بىلەن مەزكۇر مەسىلىسىنى سۆزلىشىدىكەن. لېكىن، پرېزىدېنت ترامپنىڭ قارارى خىتاينى بىئارام قىلغاندەك قىلىدۇ.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىشىنى خاتالىق، دەپ كۆرسىتىپ، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئوتتۇرا مۇساپىلىك يادرو قوراللىرىنى چەكلەش كېلىشىمى 1987‏-يىلى سابىق ئامېرىكا پرېزىدېنتى رونالد رېگان بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى مىخايىل گورباچېف ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان ئىدى.