ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى خىتاي تەرەپ بىلەن شاڭخەيدە ئىقتىسادىي سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن

ئامېرىكانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى مۇشۇ ھەپتە خىتايغا بېرىپ، سودا مۇناسىۋىتى كەسكىنلىشىپ كەتكەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي مۇقىملىقىنى ساقلاش ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىكەن.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆتكەن يىلى قۇرۇلغان مالىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى شاڭخەيدە ئۇچرىشىپ، مالىيە بازىرىنىڭ مۇقىملىقى، چېگرا ھالقىغان سانلىق مەلۇمات ۋە سۈنئىي ياسالغان زەھەر - فەنتانېلغا قارشى تۇرۇش مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلماقچى ئىكەن. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى مەزكۇر سۆھبەتنىڭ 15- ۋە 16-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى، ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىگە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مىنىستىرى برەنت نېيماننىڭ رەھبەرلىك قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

برەنت نېيمەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «بىز بۇ مالىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ مالىيە مۇقىملىقى، چېگرا ھالقىغان سانلىق مەلۇمات، كىرېدىت ۋە تۆلەم، خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ئۆتكۈنچى پۇل-مۇئامىلە خىزمىتى، مالىيە بېسىمى يۈز بەرگەندە ئالاقىنى ياخشىلاش ئۈچۈن قوللىنىدىغان كونكرېت تەدبىرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشنى پىلانلىماقتىمىز» دېگەن.

بۇ ئۇچرىشىش، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى جەننېت يېللىننىڭ بۇ يىل 4-ئايدا خىتاي بىلەن بېيجىڭ ۋە گۇاڭجۇدا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، خىتاينى ئۇنىڭ ئېشىنچا سانائەت مەھسۇلاتلىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلىدىغان يەنە بىر قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىكلەر سۆھبىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر سۆھبەتتە خىتاينىڭ پۇل يۇيۇشنى چەكلەش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە كېلىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ سۆھبەت چەت ئەل مەبلەغ سالغۇچىلىرىنىڭ خىتايدىن مەبلىغىنى چېكىندۈرۈپ چىقىشى يۇقىرى پەللىگە چىققان بىر پەيتتە ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

«بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بىلدۈرۈشىچە، چەت ئەل شىركەتلىرى يېقىنقى ئۈچ ئاي ئىچىدە خىتايدىن 15 مىليارد دوللار مەبلىغىنى چېكىندۈرۈپ چىققان. ئەگەر بۇ ئەھۋال بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىغىچە داۋاملاشسا، خىتايغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ 1990-يىللاردىن بۇيان ئەڭ كۆپ سىرتقا ئېقىشى بولۇپ قالىدىكەن. خەۋەرلەردە، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشى ۋە گېئو-سىياسىي جىددىيلىكنىڭ كۈچىيىشى سەۋەبلىك بەزى شىركەتلەرنىڭ خەۋپنى ئازايتىش ئۈچۈن مەبلىغىنى چېكىندۈرۈۋاتقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.