ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى سىمىت، شاڭخەيدە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومىتېتىنىڭ رەئىسى كرىستوفېر سىمىت شاڭخەيدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى، دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش، ئادۋوكاتلارغا زەربە بېرىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
-
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-02-19 -
-
-
ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى، دۆلەت مەجلىسى خىتاي كومىتېتىنىڭ رەئىسى كرىستوفېر سىمىت شاڭخەيدە نۇتۇق سۆزلەپ، خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق سىياسىتى، دىنىي ئەركىنلىكنى باستۇرۇش، مەجبۇرىي ھامىلە چۈشۈرۈش، ئادۋوكاتلارغا زەربە بېرىش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.
كرىستوفېر سىمىت تەكلىپكە بىنائەن شاڭخەيگە بېرىپ، 16 - فېۋرال ئامېرىكا نيۇ - يورك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ شاڭخەي شۆبە مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلىگەن.
ئۇ نۇتقىدا مۇنداق دېگەن: «خىتايدا ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەت بوشلۇقى تارىيىپ كەتتى. ئەپسۇسلىنارلىقى، كىشىلىك ھوقۇقتىكى چېكىنىش ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە خىتاي خەلقىگە زىيانلىق. ھازىر خىتاي باش كۆتۈرۈپ دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتكە ئايلانغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ يېڭى قانۇن ۋە ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئۆكتىچىلەرنى باستۇرۇۋاتىدۇ. بۇ خىتاينىڭ خەلقئارا ئىناۋىتىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، خىتاي خەلقى بىلەن خەلقئارا ئوتتۇرىسىدا ئىختىلاپ پەيدا قىلىدۇ، خالاس.»
كرىستوفېر سىمىت خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئىزچىل تەنقىد قىلىپ، ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى ئاكتىپ قوللاپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 7 - ئايدا ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان.
بۇ قېتىم ئۇ، شاڭخەيدە «ئورتاق كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قارىشىنى قوغداش مەسئۇلىيىتى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.