ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئامېرىكا ۋە خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ كېلەر ھەپتە ئالياسكا شىتاتىدا ئۇچرىشىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئۇچرىشىشقا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن، دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان ۋە خىتاي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ياڭ جېچى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنسىتىرى ۋاڭ يى قاتنىشىدىكەن.
بۇ پرېزىدېنت جوۋ بايدېن بۇ يىل يانۋاردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرنىڭ تۇنجى قېتىم بىۋاستە كۆرۈشۈشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.
بلۇمبېرگ خەۋەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ 18-19-مارت كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ «ئامېرىكا تەرەپنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ ئۇچرىشىشىقا قاتنىشىدىغانلىقىنى» ئېيتقان.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ۋە شۇنداقلا ئىقتىساد، سودا ۋە ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، خوڭكوڭ دېموكراتىيەسىنىڭ تەھدىتكە ئۇچرىشىدەك ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەر تۈپەيلى نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغانىدى.
شۇنداق بىر مەزگىلدە ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈدىغان تۇنجى ئۇچرىشىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.
بلۇمبېرگ گېزىتى خەۋىرىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلىنكېننىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەنلىكىنى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ 10-مارت كۈنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىكى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدا سۆز قىلغاندا «بىز خىتايدىكى كەسىپداشلىرىمىزغا قىلىۋاتقان بىر قىسىم ئىشلىرى ھەققىدىكى چوڭقۇر ئەندىشىلىرىمىزنى، پىكىرلىرىمىزنى ئوچۇق بايان قىلىپ، بىزنىڭ ئەندىشىلىرىمىزنى ھەل قىلىدىغان-قىلالمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرىمىز» دېگەنلىكىنى قوشۇمچە قىلغان.
نۇرغۇن كۆزەتكۈچىلەر كېلەر ھەپتە ئۆتكۈزۈلىدىغان بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسىتى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشى، خوڭكوڭ مەسىلىسى قاتارلىق ھەل قىلغۇچ مەسىلىلەردىكى پوزىتسىيەسىنى نامايەن قىلىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.
