ئامېرىكا-خىتاي كىلىمات سۆھبىتى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، بىراق تەرەپلەر سۆھبەت ئەھۋالى توغرىسىدا ئېغىز ئاچمىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021-04-19
Share

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئالاھىدە ھاۋا كىلىماتى ئەلچىسى، سابىق ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون كەررىي خىتايغا قىلغان 2 كۈنلۈك زىيارىتىنى ئۆتكەن شەنبە كۈنى ئاخىرلاشتۇرغان. جون كەررىي بۇ زىيارىتىدە خىتاينىڭ ھاۋا كىلىماتى ئەلچىسى شيې جېڭخۇا بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. سۆھبەت ئاخىرلاشقىنىغا 2 كۈن بولغان بولسىمۇ، بىراق ھەر ئىككى تەرەپ سۆھبەتنىڭ ئەھۋالى، مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەر ۋە ئېرىشكەن نەتىجە توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بېرىپ باقمىدى.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆزەتكۈچىلەر ۋە مۇھىتنى قوغدىغۇچىلار جون كەررىينىڭ ئىنتايىن ئاز نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقان زىيارىتىدىن كېيىن ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ ھاۋا كىلىماتى ساھەسىدىكى ھەمكارلىق پۇرسىتى تارىيىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. جون كەررىي ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى، خوڭكوڭ، تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز، خىتاينىڭ ئەقلىي مۈلك ئوغرىلىقى قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلى كەسكىنلىشىپ كەتكەندىن بېرى بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىدۇر.

خىتاي ھازىرغىچە شى جىنپىڭنىڭ پرېزىدېنت بايدېننىڭ ساھىبخانىلىقىدىكى «يەرشارى كۈنى «تور يىغىنىغا قاتنىشىدىغان-قاتناشمايدىغانلىقىنى بىلدۈرمىگەن. «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى» نىڭ ئېيتىشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خەن جېڭ جون كەررىي بىلەن تور ئارقىلىق كۆرۈشكەندە «خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن كىلىمات مەسىلىسىدىكى دىئالوگ ۋە ھەمكارلىققا زور ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لې يۈچېڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا خىتاينىڭ «ھاۋا كىلىماتى ئۆزگىرىشىگە باشقىلار تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن جاۋاب بېرىدىغانلىقى» نى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت