ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى برايىن فىتزپاترىك: خىتاينىڭ مەقسىتى ئامېرىكانى ئاجىزلاشتۇرۇش

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2021.06.03

ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى برايىن فىتزپاترىك (Brian Fitzpatrick) «بىز خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەھدىتلىرىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك»، دېدى.

ئۇ فوكىس خەۋەلىرى تورىدا بىر پارچە كۆز قاراش ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە، ئىقتىسادىغا، بىخەتەرلىكىگە ۋە ئامېرىكا خەلقىنىڭ پاراۋانلىقىغا پەيدا قىلغان زور تەھدىتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ خىتايغا مەبلەغ سېلىۋاتقان ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئاز دەپ، مىليونلىغان ئامېرىكىلىق باج تۆلىگۈچىلەرنىڭ پېنسىيە فوندلىرىنىڭمۇ خىتاي ئارمىيەسىنىڭ كۈچلىنىشىگە ھەسسە قوشۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئامېرىكانىڭ ئەمدى بۇنى توختىتىدىغان ۋە بۇ تەھدىتلەرگە قارشى كۈرەش قىلىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى» دەپ ئەسكەرتكەن.

ئۇ يەنە خىتاينىڭ چەتئەللەردىمۇ ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەن:

«خىتاي كومپارتىيەسى قەرز قىلتىقى دىپلوماتىيەسى ۋە تالان-تاراج خاراكتېرىدىكى بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى ئارقىلىق تۆمۈر يول، تاشيول، پورت ۋە ترانسپورت لىنىيەسىگە نەچچە يۈز مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، قەرز ئالغۇچى دۆلەت بۇ مەبلەغنى قايتۇرۇشقا قۇربى يەتمىگەندە بۇ ئەسلىھەلەرنى زىممىگە ئۆتكۈزۈۋېلىش ئارقىلىق باشقا دۆلەتلەردىكى ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە ئېرىشىۋاتىدۇ. قىسقىسى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بۇنىڭدىكى مۇددىئاسى ئېنىق: دۆلەت ئىچىدە ۋە خەلقئارادا ئامېرىكانى ئاجىزلاشتۇرۇش».

ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاخىرقى نىشانى نېمە؟ ئالدى بىلەن دۇنيادىكى ئىقتىسادىي دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتكە ئايلىنىش، ئاندىن دۇنيانىڭ ھەربىي دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلىتىگە ئايلىنىش، ئاندىن دۇنيانىڭ پۇل ئۆلچىمىگە ئايلىنىش ۋە ئاقىۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ كوممۇنىست، مۇستەبىت ۋە زالىم سىستېمىسىنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىشتىن ئىبارەت. بىز بولساق ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىغا يول قويۇپلا قالماي، ھەتتا تېخى ئۇلارغا بۇنىڭ پۇلىنى تۆلەپ بېرىۋاتىمىز. بۇنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى نېمە؟ خىتايدىن بارلىق مۇناسىۋەتلەرنى ئۈزۈش ۋە ئۇنى يالغۇز قويۇش».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.