ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرلىكسەپ ئەمەلدارىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويدى

2020-12-04
Share

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خەلقلەرگە تەھدىت سېلىپ كەلگەن بىرلىكسەپ ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ خىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ زوراۋانلىق ۋە ئوغرىلىق قىلغان، باشقىلارنىڭ ئۇچۇرىنى ئاشكارىلىغان، جاسۇسلۇق قىلغان، بۇزغۇنچىلىق ۋە ئىچكى سىياسەتكە يامان غەرەز بىلەن ئارىلاشقان، ئىلمىي ئەركىنلىككە، شەخسىي ياكى سودا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ كەلگەن ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويۇشنى قارار قىلغان.

مايك پومپېيو 4-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ چەتئەلدىكى تەشكىلاتلارنى پۇل بىلەن تەمىنلەپ، ئۆزىنىڭ تەشۋىقاتىنى يايغانلىقى، بېيجىڭنىڭ سىياسىتىگە قارشى چىققانلارنى بوزەك قىلىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاي بىرلىكسەپ بۆلۈمى يەنە «ئىلمىي خادىملار، سودا ساھەسى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار، خىتاي مۇھاجىرلىرىنى، خۇسۇسەن شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى سۆز قىلغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى ۋە دىنىي ئاز سانلىقلارنى قورقۇتۇپ كەلگەن» ئىكەن.

مايك پومپېيو باياناتىدا، ئۆزىنىڭ ۋىزا چەكلىمىسىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، خەلقئارا نىزامغا خىلاپ بۇ خىل ھەرىكەتلەرنىڭ ئامېرىكادا قارشى ئېلىنمايدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭ ئالدىدا خىتاي كومپارتىيەسى ئەزالىرىغا ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ساياھەت ۋىزىسىنىڭ بىر ئاي بىلەن چەكلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت