ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 28-دېكابىر كۈنى ئۇقتۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا پۇقرالىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ ھەربىيلەر كونتروللىقىدىكى خىتاي كارخانىلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا تەكىتلىنىشىچە، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى 28-دېكابىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشىدا خىتاي ھەربىي كارخانىلىرىغا مەبلەغ سالغان ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ كېلەر يىلى 11-يانۋاردىن بۇرۇن مەبلىغىنى قايتۇرۇپ چىقىشى تەلەپ قىلىنغان.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كېلەر 11-يانۋاردىن كېيىن شىركەت ياكى شەخسلەرنىڭ خىتاي ھەربىي كارخانىلىرىدىكى مەبلىغى قانچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر مەبلەغ ياكى پاي چەك ئوبوروتى بىردەك توختىتىلىدىكەن. پرېزىدېنت ترامپ بۇ يىل 11-ئايدا مەمۇرىي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلار ۋە پېنسىيە فۇندىلىرىنىڭ خىتاي ھەربىي كارخانىلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مايك پومپېيو 28-دېكابىر ئېلان قىلغان باياناتىدا: «بۇ بۇيرۇق ئامېرىكا مەبلىغىنىڭ خىتاينىڭ ھەربىي، ئىستىخبارات، بىخەتەرلىك جەھەتلەردىكى تەرەققىياتى ۋە زامىنىۋىيلىشىشىغا ئىشلىتىلمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئامېرىكالىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىخەۋەر ھالدا ھەربىيلەر كونتروللىقىدىكى خىتاي كارخانىلىرىغا مەبلەغ سېلىشىنىڭ ئالدىدىنى ئالىدۇ،» دېگەن.
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا تەكىتلىنىشىچە، پرېزىدېنتنىڭ بۇيرۇقى ھەر خىل ئىندىكىس پاي فوندى، ئىندىكىس فوندى، پاي چېكى ياكى كونتروللىقى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ ئىلكىدىكى كارخانىلارغا تەدبىقلىنىدىكەن. خەۋەردە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ خىل خىتاي شىركەتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ چىقىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن.