ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ جىنايىتىگە شېرىك ئەمەلدارلار ۋە شىركەتلەرگە قويغان چەكلىمىنى كۈچەيتكەن

30-دېكابىر ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ جىنايىتىگە چېتىلىدىغان ئەمەلدارلار ۋە شىركەتلەرگە قويغان چەكلىمىنى كۈچەيتكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات ۋە مۇلاھىزىلەر بېرىلگەن. ئۇنىڭدا بىلدۈرۈلۈشىچە، يېقىندا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ جىنايىتىگە ياردەم بەرگەن 60 شىركەت ۋە تەشكىلاتقا يېڭى جازا تەدبىرى قوللانغان. ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقىنىڭ تىزىملىكىدىكى بۇ شىركەتلەر ئامېرىكادىن تېخنىكا ئوغرىلاش، خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ياردەم بېرىش، خىتاي قوشۇنىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا خىزمەت قىلىش ياكى جەنۇبىي دېڭىزدىكى دۆلەتلەرگە تەھدىت سېلىشقا چېتىشلىق شىركەتلەر بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى بۇ جىنايەتلەردىن توسۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكەن.

بىر ئامېرىكا ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي كومپارتىيەسى دېموكراتىك دۆلەتلەرنىڭ ئەركىن مۇھىتى ۋە بەزى بوشلۇقىدىن پايدىلىنىپ، سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ خىتاي ھەربىيلىرىگە ياردەم بەرگەن. خىتاي كارخانىلىرى خىتاي ئارمىيەسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى زامانىۋىلىشىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان، بۇ خەلقئارا پرىنسىپ ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش ھېسابلىنىدىكەن.

ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو يەنە دىنىي زاتلار، ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرى، ئوخشىمىغان سىياسىي كۆز قاراشتىكى كىشىلەر، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار، مۇخبىرلار ۋە تىنچلىق بىلەن نامايىش قىلغۇچىلارنى باستۇرغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا چەكلىمىسى قويغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ ئەمەلدارلار ئامېرىكاغا كىرەلمەيدىكەن. مايك پومپېيونىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەر دائىم ئېزىلگۈچى خەلقنىڭ يېنىدا تۇرىدىغان ھۆكۈمەت بولۇپ، مۇشۇنداق جازا تەدبىرلىرى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۆز قىلمىشىغا جاۋابكار بولۇشقا داۋاملىق قىستايدىكەن.