ئامېرىكا پولات گۇرۇھى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن خىتاي پولات شىركىتىنىڭ ئامېرىكىدا پولات سېتىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان

ئامېرىكا پولات گۇرۇھى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئىلتىجا قىلىپ، خىتاي پولات شىركىتىنىڭ 2010 - يىلىدىكى تور ھۇجۇمىدا ئۆز شىركىتى يىللاپ تەتقىق قىلىپ چىققان تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا پولات سېتىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا پولات گۇرۇھى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ئىلتىجا قىلىپ، خىتاي پولات شىركىتىنىڭ 2010 - يىلىدىكى تور ھۇجۇمىدا ئۆز شىركىتى يىللاپ تەتقىق قىلىپ چىققان تېخنىكا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاپ كەتكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدا پولات سېتىشىنى چەكلەشنى تەلەپ قىلغان.

«چىكاگو مۇنبىرى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەگەر بۇ شىركەتنىڭ ئەرزى ئېقىپ قالسا، خىتاينىڭ ئامېرىكىغا كاربون ۋە بىرىكمە پولات مەھسۇلاتى ئېكسپورت قىلىشىغا خاتىمە بېرىلىدىكەن.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، ئامېرىكا پولات گۇرۇھىنىڭ ۋاكالەتچىلىكىنى قىلىۋاتقان كۇۋىن ئېمانۇئېل ئادۋوكاتلىق ئورنىدىكى دەبىي شون خىتاي ھەققىدە توختىلىپ: «ئۇلار بىزنىڭ بۈگۈنىمىزنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىشقا ئاللىبۇرۇن ئۇرۇنۇپ بولدى، ئەمدىلىكتە كەلگۈسىمىزگە قول سوزماقتا» دېگەن.

ھالبۇكى، خىتاي سودا سانائەت مىنىستىرلىقى ئۆز توربېتىگە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يۇقىرىقىلارنى «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلغان ھەمدە ئۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا پورت گۇرۇھىنىڭ ئەرزنى رەت قىلىشنى، ئىككى تەرەپ پولات شىركەتلىرىنىڭ مەسىلىنى سۆھبەتلىشىش يولى بىلەن ھەل قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكىنىڭ پىتتسبۇگ شەھىرىگە جايلاشقان مەزكۇر شىركەت ئىككى يىل ئاۋۋال خىتاي تور بۇزارلىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەينى يىلى 5 نەپەر خىتاي ھەربىي ئوفىتسېرىنى ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ۋە سودا مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغان شىركەتلەر ئارىسىدا ئامېرىكا پولات گۇرۇھىمۇ بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خىتاي بۇنىمۇ «ئاساسسىز» دەپ رەت قىلغان.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org