ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى تەد كرۇز دۈشەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ «دەۋر» ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، پرېزىدېنت ئوبامانى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى مەيدانىدا قاتتىق قول بولۇشقا چاقىردى.
تەد كرۇز ماقالىسىدە، پرېزىدېنت ئوبامانىڭ يېقىنقى خىتاي زىيارىتىدە تۈرمىدىكى ئۆكتىچى ليۇ شاۋبو بىلەن كۆرۈشمىگەنلىكىنى تەنقىد قىلغان.
تەد كرۇز، ليۇ شاۋبونىڭ خىتايدا پۇقرالارنىڭ يىغىلىش، سۆز، دىنىي ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىل ئەدلىيەنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەزمۇن قىلغان «2008 - نىزامنامىسى»نى تۈزۈشكە قاتناشقانلىقى، ئەمما ئۇنىڭ ھازىر دۇنيادىكى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ئېلىپ تۈرمىدە يېتىۋاتقان بىردىن بىر كىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
تەد كرۇز يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئوبامانى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپ قىلمىشلىرىغا قارشى مەيدانىنى ئاكتىپ ئىپادىلەشكە، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق خىتايغا ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى نامايان قىلىشقا چاقىرغان.
ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى جايلاشقان كوچىنى ليۇ شاۋبو كوچىسىغا ئۆزگەرتىش ھەققىدىكى قانۇن تەكلىپ لايىھەسى بۇ ئاي ئىچىدە ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلىدىغانلىقىنى، ئەگەر بۇ لايىھە ئاۋام پالاتاسىدا ماقۇللانسا، پرېزىدېنتنىڭ ئۇنى دەرھال تەستىقلىشىنى تەلەپ قىلغان. مەزكۇر لايىھە ئىلگىرى كېڭەش پالاتاسىدا ماقۇللانغان. كېڭەش پالاتاسىنىڭ بۇ لايىھەنى ماقۇللىشى خىتاينىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.
