بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى «نورمال ئۆتكەن»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-01-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

7-يانۋار بېيجىڭدا باشلانغان ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى چارشەنبە كۈنى ئاخىرلاشتى. سۆھبەتنىڭ 2 كۈن ئۆتكۈزۈلۈشى پىلانلانغان بولسىمۇ، لېكىن سۆھبەت پىلاندىن ئۇزۇن داۋاملاشقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تەرەپلەر سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى سۆھبەتنىڭ «نورمال ئۆتكەنلىكى» نى بىلدۈرسىمۇ، لېكىن دۇنيانىڭ دىققىتى سۆھبەتنىڭ قانداق نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىغا تىكىلمەكتە.

ئامېرىكا سودا سۆھبەت ئۆمىكى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ بېرىپ، خىتاي بىلەن 2 كۈنلۈك سۆھبەتنى باشلىغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆتكەن يىلى 1‏-دېكابىر كۈنى ئارگېنتىنادا ئۇچرىشىپ، سودا ئۇرۇشىنىڭ 90 كۈن توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭدا باشلانغان سۆھبەت ئىككى تەرەپنىڭ سودا ئۇرۇشى توختىغاندىن بېرى ئۆتكۈزگەن تۇنجى سۆھبىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

روتېرسنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئەسلى سۆھبەت 2 كۈنلۈك پىلانلانغان بولسىمۇ، لېكىن 3 كۈنگە سوزۇلغان. ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى، سودا ۋە تاشقى يېزا-ئىگىلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى تەد مىككىنېي مۇخبىرلارغا «سۆھبەتنىڭ نورمال ئۆتكەنلىكى»، خىتاي سەپىرىنىڭ «بىز ئۈچۈن ياخشى بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت ترامپ سەيشەنبە كۈنى تۋېتتىردا ئېلان قىلغان بايانىدا سۆھبەتنى «ناھايىتى ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ» دېگەن ئىدى. لېكىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ چارشەنبە كۈنى سۆھبەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى دەلىللىگەن، لېكىن سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ نەتىجىسىنىڭ پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىنىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ «ئەگەر ئۇ نەتىجىلىك ئاخىرلاشسا، بۇ ئامېرىكا ۋە خىتاي ئۈچۈن پايدىلىق بولۇپلا قالماي، دۇنيا ئىقتىسادى ئۈچۈنمۇ پايدىلىق خەۋەر بولىدۇ» دېگەن.

پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن يىلى دېكابىردا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ 90 كۈن ئىچىدە ئامېرىكا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادى قۇرۇلمىسىدىكى ئادالەتسىز رىقابەتكە سەۋەب بولۇۋاتقان بەزى ھالقىلارنى ئىسلاھ قىلىش، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى تېخنىكا ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. پرېزىدېنت ترامپ ئەگەر بۇ 90 كۈن ئىچىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا، خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا قويۇلىدىغان 10 پىرسەنت باجنى 25 پىرسەنتكە چىقىرىدىغانلىقنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت