ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى رەئىسى جون مولېنار ۋە ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇوزى خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن «دائىملىق نورمال سودا مۇناسىۋىتى» سالاھىيىتىنى بىكار قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر قانۇن لايىھەسىنى تونۇشتۇرغان.
«ئادىل سودىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قانۇنى» دەپ ئاتالغان بۇ قانۇن لايىھەسى ھەر ئىككى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، بۇ قانۇن لايىھەسى پىرېزىدېنت ترامپ تەرىپىدىن بېرىلگەن مەمۇرىي بۇيرۇققا ئاساسەن قايتىدىن تونۇشتۇرۇلغان.
خىتاي ئىشلىرى پەۋقۇلئاددە كومىتېتى 23-يانۋار كۈنى ئېلان قىلغان باياناتتا دېيىلىشىچە، 2000-يىلى خىتاي دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا كىرىشكە تەييارلىق قىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بېلەت تاشلاپ، خىتايغا «دائىملىق نورمال سودا مۇناسىۋىتى» سالاھىيىتى بېرىشنى قارار قىلغان، ئۇلار بۇ ئارقىلىق خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى ياخشىلاپ، سىياسىي تۈزۈلمىسىنىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان. ھالبۇكى، بۇ سالاھىيەت خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى ئىقتىسادىنىڭ ئېتىبارغا ئېرىشىشى ۋە كوممۇنىزم دۆلىتىدە ئىشلەپچىقىرىلغان مەھسۇلاتلارنىڭ تۈركۈملەپ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىگە يول ئاچقان. شۇنىڭدىن كېيىنكى 20 يىلدا، ئامېرىكادا ئىشلەپچىقىرىش سانائىتى ۋەيرانچىلىققا ئۇچرىغان، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئوغرىلانغان، خىتاي كومپارتىيەسى بولسا ئامېرىكانىڭ باش رەقىبىگە ئايلانغان.
كومىتېت رەئىسى جون مولېنار باياناتتىكى سۆزىدە مۇنداق دېگەن:
«ئادىل سودىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قانۇنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئادالەتسىز ئىقتىسادىي پائالىيەتلىرىنى تۈگىتىشتىكى ھالقىلىق بىر قەدەم. بۇ قانۇن ئامېرىكانىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغدايدۇ، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ سىجىللىقىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە ئىشلەپچىقىرىشنى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرگە قايتۇرۇپ كېلىدۇ.»
ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم سۇزى بولسا «بۇ قانۇن لايىھەسى ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىگە ئېنىق سىگنال بېرىلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئەمدى ئېتىبارغا ئېرىشىپ، ھەقسىز سودا قىلالمايدىغانلىقىنى، ئامېرىكالىقلارنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى ئوغرىلىيالمايدىغانلىقىنى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكى بەدىلىگە ياسالغان تاۋارلىرىنى ئامېرىكا تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە كىرگۈزەلمەيدىغانلىقىنى» تەكىتلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ كېڭەش پالاتا نۇسخىسى ئوخشاش كۈندە، كېڭەش پالاتا ئەزالىرى توم كۆتتىن ۋە جىم بانكىس تەرىپىدىن تونۇشتۇرۇلغان.