دونالد ترامپ: «خىتايغا قارىتىلغان تاموژنا بېجىنى ئاشۇرماسلىقىمىز مۇمكىن!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-02-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سۆھبىتى ۋاقىتلىق توختىغاندىن بۇيان 11-فېۋرال كۈنى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېۋىن مىنۇچىن بېيجىڭغا سۆھبەت ئۈچۈن بارغان ئىدى.

13-فېۋرال كۈنى ئۇ سۆھبەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ «سۆھەت بارغانسېرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ،» دېگەن. ئەمما ئۆزىنىڭ كىم بىلەن سۆھبەتتە بولغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان.

بۇ ھەقتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ ۋاشىنگتون شەھىرىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، ئىككى تەرەپ ئۈچۈن بېكىتىلگەن «90 كۈنلۈك سۈرۈك» مەزگىلىنىڭ قەرەلى بولغان 2-مارت كۈنىنى «ئازراق كېچىكتۈرۈش ئېھتىمالىنىڭ بارلىقىنى» بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «سۆھبىتىمىز ئوڭۇشلۇق مېڭىپ كەتسە مەزكۇر سۈرۈكنى يەنە بىر مەھەل ئۇزارتىمىز» دېگەن.

سودا سۆھبىتى مەسىلىسىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2-مارت كۈنى ئىككى تەرەپ ئورتاق كېلىشىمگە كېلەلمىسە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان توۋارلارغا قارىتا 200 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاموژنا بېجى قويۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بۈگۈن دونالد ترامپ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خىتاي بىلەن بولغان سۆھبىتىمىز ئوڭۇشلۇق مېڭىۋاتىدۇ. خىتاي ئىشلارنى ناھايىتى ئوسال شەكىلدە بىر ياقلىق قىلىپ كەلگەن. بىز بۇ قېتىم ئىشلارنى توغرا شەكىلدە بىر ياقلىق قىلىشنى ئۈمىد قىلىمىز،» دېگەن ھەمدە خىتاي تەرەپنىڭ ئۆزلىرى قويغان شەرتلەرگە ماقۇللۇق بىلدۈرۈۋاتقانلىقىنى ئىشارە قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت