پرېزىدېنت ترامپ خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا باجنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 5‏-ماي كۈنى تۋېتېردا ئۇچۇر يوللاپ، كېلەر جۈمە كۈنىدىن باشلاپ خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللارلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا قويۇلغان باجنى 25% كە چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پرېزىدېنت ترامپنىڭ، ئاخىرقى قېتىملىق ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى بۇ ھەپتە ۋاشىنگتوندا باشلىنىش ئالدىدا تۇرغان بىر ۋاقىتتا بۇ سۆزلەرنى قىلىشى قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىدى. ئامېرىكادىكى تاراتقۇلار ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا بىلەن خىتاينىڭ بۇ قېتىم ئاخىرقى سودا كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. پرېزىدېنت ترامپ 5‏-ماي كۈنى تۋېتېردا يوللىغان ئۇچۇرىدا «ئامېرىكا ئۆتكەن 10 ئايدىن بېرى قىممىتى 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي ئىمپورت مەھسۇلاتىغا 10% باج قويۇپ كەلگەن. لېكىن بۇ كېلەر جۈمە كۈنىدىن باشلاپ 25% كە چىقىرىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يېقىن كەلگۈسىدە يەنە قىممىتى 325 مىليارد دوللارلىق خىتاي ئىمپورت مەھسۇلاتىغا 25% باج قويۇشى مۇمكىن» دېگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، پرېزىدېنت ترامپنىڭ تۇيۇقسىز بۇ قارارنى ئېلان قىلىشىدا ئامېرىكا سودا سۆھبەت ۋەكىلى لايتېرزېرنىڭ ئۇنىڭغا سۆھبەتنىڭ يېقىنقى تەرەققىياتى ھەققىدە بەرگەن دوكلاتى رول ئوينىغان ئىكەن. لايتېرزېر ئۇنىڭغا خىتاينىڭ بۇرۇن بەرگەن بەزى ۋەدىلىرىدىن يېنىۋېلىش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇڭا، پرېزىدېنت ترامپ تۋېتېردا، «ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن سۈرئىتى بەك ئاستا. خىتاي بەزى دېتاللار ئۈستىدە قايتا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە ئۇرۇنماقتا. مېنىڭ بۇنى قوبۇل قىلىشىم مۇمكىن ئەمەس» دەپ تەكىتلىگەن. پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن يىلى 9‏-ئايدا خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللارلىق ئىمپورت مەھسۇلاتىغا 10% باج قويۇشنى قارار قىلغان. بۇ قارار بۇ يىل 1‏-ئاينىڭ 1‏-كۈنىدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ئىدى.

پرېزىدېنت ترامپنىڭ سۆزى دۈشەنبە كۈنى خىتاي پاي چېكى بازىرىغا قاتتىق تەسىر قىلغان. رويتېرسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ئاساسلىق پاي چېكى كۆرسەتكۈچلىرى 5 % چۈشۈپ كەتكەن. بۇ، ئۇنىڭ يېقىنقى 3 يىلدىن بېرى ئەڭ چۈشۈشى بولۇپ، بازارغا پاي چېكى سالغان 1000 دەك خىتاي شىركىتى پاي چېكى سېتىشنى دەرھال توختاتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت