خىتاي تەرەپنىڭ ئامېرىكا-خىتاي سودا كېلىشىمىدىكى مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز سادا
2019-05-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى كۈنسايىن كەسكىنلىشىپ، ئاخىرقى كېلىشىم تېخى ئىمزالانمىغان بىر مەزگىلدە خىتاي تەرەپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسىدىكى مەزمۇنلارنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋەتكەن.

«رويتېرس» ئاگېنتلىقىنىڭ 8-مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خې ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە 9-ماي كۈنى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كېلىدىكەن. شۇ كۈنى كەچتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمنىڭ بېيجىڭ تەرەپ پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ تەييارلىغان دەسلەپكى نۇسخىسىمۇ ۋاشىنگتونغا ئەۋەتىلگەن. خىتاي تەرەپ تەييارلىغان كېلىشىمنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى 150 بەتكە يېقىن بولۇپ، خىتاي تەرەپ بۇنىڭ مەزمۇنىغا پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن ھەمدە شۇ ئارقىلىق ئامېرىكانىڭ يادرولۇق تەلەپلىرىگە قوشۇلمايدىغانلىقىنى ئىشارە قىلغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەسلىدىكى سودا كېلىشىمىنىڭ دەسلەپكى نۇسخىسى يەتتە بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. بۇنىڭدا ئامېرىكانىڭ خىتاي ئۈستىدىن سودا ئۇرۇشى قوزغىشىغا سەۋەب بولغان بەزى مۇھىم مەسىلىلەرگە قارىتا خىتاي تەرەپنىڭ مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرۇشى، يەنى خەلقئارا قانۇن-نىزاملار بويىچە كېلىشىمگە كېلىشى تەلەپ قىلىنغان. بۇلار ئاساسلىقى خىتاينىڭ ئامېرىكانىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرى ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىشى، ئامېرىكا شىركەتلىرىنى تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە قىستىشى، ئادالەتسىز رىقابەت، مالىيە ۋە پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى مونۇپوللۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇ خېنىڭ ۋاشىنگتونغا سودا سۆھبىتى ئۈچۈن كەلگەن ۋاقتىغا توغرىلاپ تىۋىتتېردا بىر ئۇچۇر يوللىغان. ئۇ بۇ ئۇچۇرىدا خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلىرىغا %10 دىن %25 پىرسەنتكىچە تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئەسلىدىكى سودا كېلىشىمىدىكى مۇھىم مەزمۇنلارنى ئۆزگەرتىپ ئېلىپ كېلىشى ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان يادرولۇق مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئايلاردىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان سودا ئۇرۇشىنىڭ كېلىشىم بىلەن ھەل بولمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت