پرېزىدېنت ترامپ خىتاي سودىدا ئۆچ ئالسا ئاقىۋەتنىڭ چاتاق بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-05-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى تېخىمۇ كەسكىنلىشىشكە باشلىدى. پرېزىدېنت ترامپ دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ سودىدا ئامېرىكاغا قارشى ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللانسا ئاقىۋەتنىڭ تېخىمۇ چاتاق بولىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكاغا قارىتا سودىدا ئۆچ ئېلىپ تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىغا قارىتا ئېيتقان. ئۇ 13‏-ماي، دۈشەنبە كۈنى تۋېتىردا خىتاينىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئامېرىكادىن پايدا ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، «شۇڭا، خىتاي ئۆچ ئالماسلىقى كېرەك. ئەگەر ئۆچ ئالسا تېخىمۇ چاتاق بولىدۇ» دېگەن. پرېزىدېنت ترامپ ئۆتكەن ھەپتە 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي ئىمپورت مەھسۇلاتىغا باجنى 25% ئۆستۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئارقىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتى 60 مىليارد دوللارلىق ئامېرىكا ئىمپورت مەھسۇلاتىغا 10% دىن 25% گىچە باج ئۆستۈرىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆچ ئېلىش تەدبىرى قوللانغان ئىدى.

پرېزىدېنت ترامپ 13‏-ماي كۈنى ئەتىگەندە تۋېتىرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا يەنە «مەن شى جىنپىڭ ۋە خىتايدىكى باشقا دوستلارغا ناھايىتى ئوچۇق قىلىپ: ئەگەر سىلەر كېلىشىم ھاسىل قىلمىساڭلار خىتاي بەك چاتاق ئەھۋالدا قالىدۇ. چۈنكى، شىركەتلەر باشقا دۆلەتلەرگە يۆتكىلىشكە مەجبۇر بولىدۇ. خىتايدىن بىر نېمە سېتىۋېلىش تېخىمۇ قىممەتكە توختايدۇ. سىلەر ناھايىتى ياخشى بىر كېلىشىمگە ئاساسەن كېلىپ قالغان، لېكىن سىلەر يېنىۋالدىڭلار، دەپ ئېيتتىم» دېگەن.

ئامېرىكا-خىتاي ئاخىرقى قېتىملىق سودا سۆھبىتى ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن، لېكىن سۆھبەت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئاخىرقى سۆھبەتتە بۇرۇن كېلىشكەن نۇرغۇن ۋەدىلىرىدىن يېنىۋېلىپ، سۆھبەتنى باشتىن باشلاشنى تەلەپ قىلغان. لېكىن پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغان. نۆۋەتتە خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن كېلىشىمدىن يېنىۋالغانلىقى ھەر خىل پەرەزلەرگە سەۋەب بولماقتا. پرېزىدېنت ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان تۋېتىر ئۇچۇرىدا، خىتاينى 2020‏-يىلدىكى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىغا ئۈمىد باغلاش بىلەن ئەيىبلىگەن. ئۇ؛ «خىتاي كاللىسى ئىشلىمەيدىغان جېئو بايدېن ياكى باشقا بىرىنىڭ 2020‏-يىلى سايلىنىشىغا ئۈمىد باغلىماقتا. ئۇلار ئامېرىكانى تالان-تاراج قىلماقچى» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت