ئامېرىكا ھۆكۈمىتى سودا ئۇرۇشىنىڭ يېڭى قەدىمىنى ئالدى
2024.05.14
ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىدا داۋام قىلىۋاتقان تىركىشىش ۋە بىر ئىزدا تۇرۇپ قېلىش ۋەزىيىتى 14-ماي كۈنى يېڭى بىر سەھىپىگە يۆتكەلدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جوۋ بايدېن خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بىر قىسىم تاۋارلارغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرىدىغانلىقىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. بۇنىڭدا ئېلېكتر قۇۋۋەتلىك ئاپتوموبىللارغا 100 پىرسەنت باج قويۇشتىن باشقا ئاليۇمىن، پولات، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىقلارغا ھەسسىلەپ باج قويۇلىدىغانلىقى بېكىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن سابىق پىرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدە باشلانغان «خىتاي تاۋارلىرىغا قارىتا تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش» ھەرىكىتى يېڭى بىر سەۋىيەگە يۈكسەلدى.
ئاقساراينىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، «بىز خىتاينىڭ يىللاردىن بۇيان تەڭسىز سودا پائالىيىتى ئارقىلىق ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ۋە دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت پەيدا قىلىشىغا، شۇنىڭدەك ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى، تېخنولوگىيە ۋە ئىجادچانلىق ساھەلىرىگە نىسبەتەن ئەندىشىلەرنى كۆپەيتىشىگە قاراپ تۇرالمايمىز» دېيىلگەن. شۇنىڭدەك دەسلەپكى قەدەمدە خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان 18 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق مالغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ ئۆستۈرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتىلگەن.
«نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 14-مايدىكى ئوبزور ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، دونالد ترامپنىڭ سودا ئۇرۇشى ئاساسلىق زاۋۇتلارنى خىتايدىن ئامېرىكا تەۋەسىگە ياندۇرۇپ كېلىشنى كۆزلىگەن بولسا، جوۋ بايدېننىڭ سودا ئۇرۇشى ئامېرىكا تەۋەسىدە پاكىز ئېنېرگىيەگە ئوخشاش يۇقىرى پەن-تېخنىكالىق سانائەتلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە خىزمەت كۆلىمىنى ئاشۇرۇشنى نىشان قىلغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ئىشلىگەن توكلۇق ئاپتوموبىللار ئامېرىكا بازىرىدا ئانچە زور سالماقنى ئىگىلىمىگەنلىكى ئۈچۈن، بۇنىڭ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى ئىستېمالچىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمايدىكەن. شۇنىڭدەك بۇ تەدبىر ئۆز نۆۋىتىدە ئامېرىكا ئاپتوموبىل بازىرىنى مۇھاپىزەت قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.









