ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ 300 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويماقچى

مۇخبىرىمىز سادا
2019-05-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

14-ماي ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىدا خىتاي تەرەپ ئامېرىكا بىلەن «ئاخىرىغىچە ئېلىشىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئامېرىكا تەرەپ تاموژنا بېجى قويۇش ئىمكانىيىتى بولغان خىتاينىڭ 300 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلىرىنى تىزىملاپ چىققان.

«دەۋر» تورىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 5-ماي كۈنى %10 دىن %25 لىك ئۆلچەم بويىچە خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقى ھەققىدە خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 13-ماي بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئامېرىكانىڭ 60 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. 14-ماي كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ بايانات ئېلان قىلىپ، «جۇڭگو ئامېرىكا بىلەن ئاخىرغىچە ئېلىشىدۇ، بىزنىڭ ئۆز مەنپەئەتىمىزنى قوغداش ئىقتىدارىمىز ۋە ئىرادىمىز بار، بىزنىڭ سودا ئۇرۇشىغا قارشى تەدبىرىمىز كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ، سودا سىستېمىسىنى قوغداشتىكى ئىرادىمىزنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ،» دېگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا تەرەپ بۇ قېتىم تىزىملاپ چىققان 300 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتلىرى 3805 تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ يەنە بىر جەھەتتىن ترامپنىڭ 5-مايدىكى ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم بىر قەدەم باسقۇچ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت