پرېزىدېنت ترامپ خىتاينىڭ 300 مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-08-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتىنىڭ نەتىجىسى ئاخىرلىشىشى بىلەن ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشى قايتىدىن جىددىيلىشىشكە باشلىدى.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ 1‏-ئاۋغۇست كۈنى تىۋىتتېردا ئۇچۇر يوللاپ، خىتاينىڭ قەپ قالغان 300 مىليارد دوللارلىق ئىمپورت مەھسۇلاتىغا 10 پىرسەنت تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، 10پىرسەنت تاموژنا بېجى بۇ يىل 1‏-سېنتەبىردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىكەن.

پرېزىدېنت ترامپ بۇنىڭدىن بۇرۇن خىتاينىڭ 250‏ مىليارد دوللارلىق مەھسۇلاتىغا باج قويغان ئىدى. ئەگەر ئۇنىڭ قارارى 9‏-ئايدا ئىجرا قىلىنىشقا باشلىسا خىتاينىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىغان بارلىق مەھسۇلاتلىرىغا تاموژنا بېجى قويۇلغان بولىدۇ. ئۇ تىۋىتتېردا ئېلان قىلغان ئۇچۇرىدا «ئەسلى بىز ‏3‏-ئاينىڭ ئالدىدا خىتاي بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشنى ئويلىغان. بىراق كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى شۇكى، خىتاي كېلىشىمگە ئىمزا قويۇشتىن بۇرۇن قايتا سۆھبەت ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

ترامپ «خىتاي تېخى يېقىندىلا زور مىقداردا ئامېرىكانىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما سېتىۋالمىدى» دېگەن. پرېزىدېنت ترامپنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئىلگىرى شى جىنپىڭ ئۇنىڭغا ئامېرىكاغا زەھەرلىك ماددا‏-فەنتانىل سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاي بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلمىغان. ترامپ يەنە شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا بىلەن سودا كېلىشىمى ئىمزالاشقا ئالدىرىمايۋاتقانلىقى، لېكىن خىتاي ئامېرىكا بىلەن سودا قىلمىغان تەقدىردىمۇ بۇنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن چوڭ مەسىلە ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.

پرېزىدېنت ترامپ يۇقىرىقى سۆزلەرنى 12‏-نۆۋەتلىك ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى پەيشەنبە كۈنى شاڭخەيدە نەتىجىسىز ئاخىرلىشىپ ئارقىدىنلا قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى 2‏-ئاۋغۇست كۈنى پرېزىدېنت ترامپنىڭ قارارىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئەگەر ئامېرىكا 10 پىرسەنت تاموژنا بېجى ئېلىشقا باشلىسا، خىتاينىڭ تېگىشلىك ئۆچ ئېلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما قانداق تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت