پرېزىدېنت ترامپ 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي مەھسۇلاتىغا باج قويۇشنى تەلەپ قىلغان
2018.08.31
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ كېلەر ھەپتە ئىچىدە يەنە 200 مىليارد دوللارلىق خىتاي ئېكسپورت مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى قويۇشنى تەلەپ قىلغان. ئامېرىكا «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ۋەقەدىن ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ترامپ ياردەمچىلىرىگە تاموژنا بېجى قويۇشنى 6-سېنتەبىردىن كېيىن دەرھال يولغا قويۇشنى تەكىتلىگەن.
پرېزىدېنت ترامپ ئىلگىرى مەزكۇر مەسىلىنى بۇ يىل 6-سېنتەبىرگىچە ئامېرىكا جامائەت پىكىرىنىڭ مۇنازىرە قىلىشىغا سۇنغان ئىدى.
ئامېرىكا فوكۇس خەۋەرلىرى تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ بۇنىڭدىن سەل ئاۋۋال بەرگەن خەۋىرىدە، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ 5-سېنتەبىردىن كېيىن خىتاينىڭ يېمەك-ئىچمەك مەھسۇلاتلىرىدىن تارتىپ ئاپتوموبىل چاقىغىچە بولغان ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرىغا 25 پىرسەنت باج قويۇلۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رويتېرسنىڭ جۈمە كۈنى خەۋىرىدە بايان قىلىشىچە، ئاقساراي پرېزىدېنت ترامپنىڭ پات ئارىدا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا يەنە باج قويىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى رەت قىلغان. ھالبۇكى، ئۇچۇر مەنبەلىرى «بلۇمبېرگ خەۋەرلىرى» گە بەرگەن ئۇچۇرىدا، بۇنىڭغا تېخى ئاخىرقى خۇلاسە ئەمەسلىكى، تاموژنا بېجىنىڭ قىسىملارغا بۆلۈپ ئىجرا قىلىنىشى ۋە كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىپ، كېيىنكى كۈنلەردە ئىجرا قىلىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە تەكىتلىشىچە، يېڭى تاموژنا بېجىنىڭ ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىكەن.
پرېزىدېنت ترامپ ئىلگىرى خىتاينىڭ بازىرىنى ئېچىۋېتىپ، ئامېرىكىنىڭ سودىدىكى 375 مىليارد دوللارلىق قىزىل رەقىمى ئازايتىشىنى، خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە ياردەم بېرىشنى توختىتىشنى، ۋە ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يېقىندا رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «خىتاي بىلەن بولغان سودا ئىختىلاپىنى ھەل قىلىشقا ۋاقىت كېتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.