ئىقتىسادشۇناسلار ئامېرىكانىڭ خىتاي شىركەتلىرىنى كىشىلىك ھوقۇق سەۋەبلىك جازالىشى سودا سۆھبىتىدە ئامېرىكانى كۈچلەندۈرىدۇ، دەپ قارايدىكەن

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

10-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا سۆھبىتى ۋاشىنگتوندا باشلاندى. مەزكۇر سۆھبەتكە خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ليۇخى باشچىلىقىدىكى بىر قاتار يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئىقتىسادشۇناسلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر ھەيئەت قاتناشقان. بۇ يىغىندىن قانداق نەتىجە چىقىدىغانلىقى دىققەت بىلەن كۆزىتىلمەكتە.

«CNBC» تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا-خىتاي ئىككى تەرەپ سودا سۆھبىتى ئارقىلىق سودىدىكى ئىختىلاپنى تۈگىتىشنى مەقسەت قىلسىمۇ، ئەمما ئامېرىكانىڭ خىتاينىڭ 28 شىركەت ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كرىزىسى سەۋەبلىك جازا تەدبىرى قويۇشى مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ جىددىيلەشتۈرگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناسلار ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا سۆھبىتىدە پەۋقۇلئاددە بىر نەتىجە چىقىدۇ، دەپ قارىماسلىق بىلەن بىرگە، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە قايتۇرغان يۇقىرىدىكى ئىنكاسىنىڭ ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۆھبەتلەردە ئامېرىكانىڭ كۈچلۈك ئورۇندا تۇرۇشىغا ئىمكان يارىتىپ بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىكەن. 

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، ئىقتىسادشۇناسلار يەنە، ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىۋاتقان ۋە ئۇنىڭغا يانتاياق بولغان ئورگان ۋە شىركەتلەرنى جازالىماقچى بولۇشى ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان زىددىيەتنى سودىدىن باشقا ساھەلەرگە كېڭەيتىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، دەپ مۆلچەرلىمەكتىكەن. 

خىتاينىڭ خەلقئارالىق سودىدا قوللىنىپ كەلگەن پوزىتسىيىسىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىش ئامېرىكا ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ نىشانى بولۇپ، ئامېرىكانىڭ بۇ ھەقتە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭغا ئەزا دۆلەتلەرنىمۇ ئۆزىگە قوشۇلۇشقا چاقىرىپ كەلمەكتە. 10-ئۆكتەبىر كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىمۇ خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات چىۋىقلارغا قويۇلىدىغان باجنى 66. 4% ئۆستۈرگەن بولۇپ، بۇنىڭغا خىتايدىكى پولات چىۋىق ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركەتلەرنىڭ پولات چىۋىقلارنى نورمالدىن كۆپ تۆۋەن باھادا ئېكسپورت قىلىش ئارقىلىق، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئىسپانىيە ۋە چېخ قاتارلىق دۆلەتلەردىكى يەرلىك ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنى ئېغىر زىيانغا ئۇچرىتىشى سەۋەب بولغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت