ئامېرىكا ۋە خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار ئەمەلدارلىرى ۋاشىنگتوندا كۆرۈشكەن

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئىرادە تەييارلىدى
2024.05.30

30-ماي پەيشەنبە كۈنى، ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇرت كامپبېل بىلەن خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ما جاۋشۇ ۋاشىنگتوندا كۆرۈشكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، «بۇ ئۇچرىشىش، ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى رىقابەتنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىدارە قىلىش ئۈچۈن بىر يىلدىن بۇيان ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كەسكىن دىپلوماتىيەنىڭ بىر قىسمى، » دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن باياناتچىسى ۋېدانت پاتېل مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدىكى سۆزىدە يەنە، «ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ G7، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان شېرىك دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى خىتاينىڭ رۇسىيەنى قوللىشىنى ‹ئۇكرائىنانىڭ بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە ياۋروپانىڭ خەۋپسىزلىكىگىمۇ تەھدىت، دېگەن قاراشتا ئىكەنلىكى›» نى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە: «ئەگەر خىتاي رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنى قوللاشنى توختاتمىسا، ئامېرىكا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەدبىر قوللىنىشقا تەييارلىنىدۇ» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ما جاۋشۇ 5-ئاينىڭ 30-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدىكەن.

ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇرت كامپبېل خىتاينىڭ مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىلەن بولىدىغان بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئالدىدا قىلغان سۆزىدە، «خىتاينىڭ رۇسىيەنى ياردەم بىلەن تەمىنلىشى، رۇسىيەنىڭ يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، زەمبىرەك، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ۋە ئىز قوغلاش قاتارلىق ھەربىي ئىقتىدارلىرىنى جانلاندۇرۇشىغا پايدىلىق بولۇۋاتىدۇ» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.