ئامېرىكا خىتاينىڭ تەھدىتىگە قارشى ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرىنى قايتا تەرتىپكە سالىدۇ
ئامېرىكا ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى 10-ئاپرېل ئۇچراشقان كۈنى، ئىككى تەرەپ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىق سىستېمىسىنى قايتا تەشكىللەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇش قىلىش پىلانى ۋە ھەربىي مانېۋىرىنى كۈچەيتىدىكەن.
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەركىن تەييارلىدى
2024-03-25 -
-
-
ياپونىيە باش ۋەزىرى فومىئو كىشىدا 4-ئاينىڭ باشلىرىدا ئامېرىكادا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 24-مارت خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ۋە ياپونىيە رەھبەرلىرى 10-ئاپرېل ئۇچراشقان كۈنى، ئىككى تەرەپ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ قوماندانلىق سىستېمىسىنى قايتا تەشكىللەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇرۇش قىلىش پىلانى ۋە ھەربىي مانېۋىرىنى كۈچەيتىدىكەن. خەۋەردە، بۇ ئامېرىكا-ياپونىيە خەۋپسىزلىك شەرتنامىسى ئىمزالانغان 1960-يىلىدىن بېرى، ئىككى دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىك جەھەتتىكى ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى تۇنجى قېتىم زور كۆلەمدە يۇقىرى كۆتۈرۈشى ھېسابلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ خىتايغا تاقابىل تۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقى كۆرسىتىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا بۇ قېتىملىق قايتا تەرتىپكە سېلىش ئارقىلىق، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەنىڭ ھەربىي ماسلىشىشچانلىقتا مەۋجۇت بولغان بەزى كاشىلىلارنى تۈزىتىپ، ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئارمىيەسى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ھوقۇقىنى كېڭەيتمەكچى ئىكەن.
«مالىيە ۋاقتى» گېزىتى يەنە بايدېن ھۆكۈمىتىنىڭ ھاۋايدىكى ھىندى-تىنچ ئوكيان قىسىملىرى قوماندانلىق ئىشتابى قارمىقىدىكى تىنچ ئوكيان قىسىملىرىغا قاراشلىق يېڭى بىر ئامېرىكا بىرلەشمە قىسىملىرىنى تەشكىل قىلىشى ۋە بۇ بىرلەشمە قىسىمنىڭ تەدرىجىي ياپونىيەگە يۆتكىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. خەۋەرلەردە، بۇ تەرەققىيات ئامېرىكا بىلەن ياپونىيەگە نىسبەتەن خىتاي تەھدىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقى، ئۇلار بۇ ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدا ئۇرۇش پارتلاشتەك كىرىزىسلار يۈز بېرىپ قالسا، ھەربىي ھەمكارلىقىنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. ياپونىيە 2022-يىلى دۆلەت خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيەسىگە مۇناسىۋەتلىك ئۈچ مۇھىم ھۆججەتكە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغان، شۇنداقلا 2023-يىلى «مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابى» ئېلان قىلىپ، خىتاي ھەربىي كۈچىنىڭ تېز كېڭىيىشىنى خەلقئارا تەرتىپكە نىسبەتەن «ئەڭ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك خىرىس» دەپ كۆرسەتكەنىدى.