ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 23-سېنتەبىر خىتاي ۋە رۇسىيەدە ئىشلەپچىقىرىلغان ياكى ئۇلارغا چېتىشلىق زاپچاسلار سەپلەنگەن ئادەمسىز ئاپتوموبىللارنى ئىمپورت قىلىش ۋە ئامېرىكادا سېتىشنى چەكلەش ھەققىدە بىر پىلان ھازىرلىغان. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ پىلان بۇ خىل زامانىۋى قاتناش ئەسلىھەلىرىنىڭ توقۇنۇش يۈز بەرگەن مەزگىللەردە، جاسۇسلۇق ياكى ئىچكىي قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش ئۈچۈن قوللىنىلىشىدىن ئاگاھ بولۇشنى مەقسەت قىلماقتا ئىكەن. «ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ 23-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، بۇ پىلان ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ تاشقى رەقىبلەرنى ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەش ئادىتىگە ئائىت سانلىق مەلۇمات ياكى ئامېرىكادىكى ئادەمسىز ئاپتوموبىللارنىڭ ئىنتېرنېت ئۇلانمىسىغا باغلىنىشىغا يول قويۇشنىڭ خەۋپى ھەققىدە ئايلارچە داۋام قىلغان تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن تەييارلانغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
قەيت قىلىنىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ رەسمىي باياناتىدا خىتايدىن باشقا رۇسىيەمۇ تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ پىلاننىڭ يادرولۇق نۇقتىسى يەنىلا خىتاينىڭ ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىغا قارىتىلماقتا ئىكەن. خەۋەردە، ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتى، ئامېرىكا «ھەممىباب» شىركىتى بىلەن خىتاينىڭ شاڭخەي ئاپتوموبىل سانائىتى شىركىتى ھەمكارلىق ئورنىتىشىدىن 30 يىل ئۆتكەندە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينى «دۈشمەن كۈچ» دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرى گىنا رايموندو بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: «ھازىرقى ئاپتوموبىللارنىڭ كامېراسى، مىكرافونى، ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى (GPS) ۋە باشقا تېخنىكىلىرى تورغا باغلانغان. تاشقى رەقىبلىرىمىزنىڭ بۇ ئۇچۇرلارغا ئېرىشىشى، بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىز ۋە ئامېرىكا پۇقرالىرىنىڭ شەخسى مەخپىيەتلىكى ئۈچۈن قانچىلىك خەۋپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش قىيىن ئەمەس.»
گىنا رايموندونىڭ تەكىتلىشىچە، «پەۋقۇلئاددە ۋەزىيەتتە، تاشقى رەقىبلەرنىڭ ئامېرىكادا قاتنايدىغان بارلىق ئاپتوموبىللارنى بىرلا ۋاقىتتا توختىتىپ قويۇشى ياكى كونترول قىلىۋېلىشى مۇمكىن» ئىكەن.
