ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى تور ھۇجۇمىغا يېتەكچىلىك قىلغان خىتاي جاسۇسلىرىنى ئەيىبلىدى

بۇ گۇرۇھ بىر تۈركۈم خاككېرلار ئارقىلىق ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئورۇنلارغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمىغا يېتەكچىلىك قىلدى

ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك جاسۇسلۇق ئورگىنىنى ئەيىبلەپ: «بۇ گۇرۇھ بىر تۈركۈم خاككېرلار ئارقىلىق ھۆكۈمەت ۋە خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى ئورۇنلارغا قارىتىلغان تور ھۇجۇمىغا يېتەكچىلىك قىلدى» دېگەن.

«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 8-ئىيۇل ئېلان قىلغان خەۋىرىگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە باشچىلىقىدا تەييارلانغان ۋە 7-ئاينىڭ 8-كۈنى ئېلان قىلىنغان بىر دوكلاتتا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، كانادا، يېڭى زېلاندىيە، ياپونىيە، كورېيە ۋە گېرمانىيەنىڭ تور بىخەتەرلىكى ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ خىتاي جاسۇسلىرى ھەققىدە ئېرىشكەن مەلۇماتلىرى بېرىلگەن بولۇپ،  ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي جاسۇسلىرى ھىندى-تىنچ ئوكيان دۆلەتلىرى ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تورىغا 40 قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم قىلغان. دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاينىڭ جاسۇسلۇق گۇرۇھى 2022-يىلى 4-ئايدىكى بىر قېتىملىق ۋەقەدە يۈزلىگەن ئابونت نامى ۋە شىفىرنى ئوغرىلىغان، شۇنداقلا كۆپ تەرەپلىك دەلىللەش كودىنى توسۇۋالغان».

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، 2022-يىلى 5-ئايدا ئاۋسترالىيە ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى ھوقۇق بېشىغا چىققاندىن كېيىن ئاۋسترالىيە بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى ياخشىلانغان بىر پەيتتە، ئاۋسترالىيەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تور ھۇجۇمىغا چېتىشلىق دەپ ئەيىبلىشى كەم كۆرۈلىدىغان ئەھۋال ئىكەن.

ئاۋسترالىيەنىڭ ئىچكى ئىشلار ۋە تور بىخەتەرلىكى مىنىستىرى كلارې ئونېل (Clare Oneil) باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «چەت ئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ تور ھۇجۇمى بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم تەھدىتلەرنىڭ بىرى. بىزنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرىمىز ھەر كۈنى بۇ جاسۇسلارنى بايقاش ۋە ئۇلارنى قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي تىرىشىدۇ».

خىتاي ھۆكۈمىتى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلغان. 7-ئاينىڭ 8-كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن: «بەزىلەر خىتايدىكى ئاتالمىش تور ھۇجۇمىنى يەنە كۆپتۈرۈپ، تور بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە خىتايغا تۆھمەت قىلماقچى» دېگەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org