خىتاي ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى شون پاترىك مالونىيغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-10-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ جۇمھۇرىيەتچلەردىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى شون پاترىك مالونىيغا ۋىزا بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەگەر تەيۋەننى زىيارەت قىلىش پىلانىدىن ۋاز كەچسە ئاندىن ۋىزا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شون پاترىك مالونىي 13‏-ئۆكتەبىر كۈنى «ۋول ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «قاقتى-سوقتىلىق قىلىش» دەپ ئەيىبلىگەن. ئۇنىڭ ماقالىسىدە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى تەيۋەن مەسىلىسىدە بۇ خىل مەنتىقە بىلەن ھەرىكەت قىلىپلا قالماي، خوڭكوڭ ۋە ئۇيغۇر مەسىلىلىرىدىمۇ بۇ خىل مەنتىقە بىلەن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

ئۇ «بېيجىڭ دۆلەت مەجلىسىنى ئانىي تاپماقتا» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە خىتاينىڭ تەيۋەننى بېسىشتەك ئەخمىقانە قىلمىشى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە تەيۋەنگە بولغان قوللاشنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسى بىر قانچە ئاي ئىچىدە دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكانىڭ تەيۋەنگە بولغان قوللىشىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شون پارتىك مالونىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزاسى مالونىينى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋەكىللەر ئۆمىكىگە ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغان. مالونىينىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي تەرەپ ئۇنىڭ تەيۋەنگە پىلانلىغان زىيارىتىنى بىكار قىلىشىنى شۇنداقلا بايانات ئېلان قىلىپ، بېيجىڭنىڭ «بىر جۇڭگو پرىنسىپى» نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى، شۇنداق قىلسائاندىن ئۇنىڭغا ۋىزا بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لېكىن مالونىي خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلغان.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە خەلقئارادا تەيۋەننى چەكلەشكە ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان خىتاينىڭ خوڭكوڭدىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدە شۇنداقلا شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش مەسىلىلىرىدە ئوخشاش مەنتەقە بىلەن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ «خوڭكوڭ نامايىشچىلىرىنى ۋە ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى كەمسىتىپ كېلىۋاتقان خىتاي تەشۋىقاتى خىتاي پۇقرالىرىدىكى مىللەتچىلىكىنى ئۇلغايتىپ، كومپارتىيەنىڭ سىزىقىنى ماڭمىغان ئامېرىكا كارخانىلىرىنى بايقۇت قىلىشقا رىغبەتلەندۈرمەكتە،» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت